Surah Al-Jumuah with Uyghur
اﷲ قا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. اﷲ پادىشاھى (مۇتلەقتۇر)، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
اﷲ ئۈممىلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ |
وَآخَرِينَ مِنْهُمْ لَمَّا يَلْحَقُوا بِهِمْ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ(3) ھەمدە (پەيغەمبەرنى) تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان (كېيىن كېلىدىغان) ئىككىنچى بىر قەۋمگە (يەنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارغا) ئەۋەتتى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئومۇمىيدۇر)، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ(4) مانا بۇ اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر |
تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ - چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ |
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا اﷲ نىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (بۇ دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» |
وَلَا يَتَمَنَّوْنَهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ(7) ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، اﷲ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر |
(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (اﷲ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىسىلەر، اﷲ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن |
ئى مۆمىنلەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، اﷲ نى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر |
ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، اﷲ نىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن اﷲ نى كۆپ ياد ئېتىڭلار |
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرسە، سېنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقان) پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە) يۈگۈرىدۇ، (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، اﷲ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر |
More surahs in Uyghur:
Download surah Al-Jumuah with the voice of the most famous Quran reciters :
surah Al-Jumuah mp3 : choose the reciter to listen and download the chapter Al-Jumuah Complete with high quality
Ahmed Al Ajmy
Bandar Balila
Khalid Al Jalil
Saad Al Ghamdi
Saud Al Shuraim
Abdul Basit
Abdul Rashid Sufi
Abdullah Basfar
Abdullah Al Juhani
Fares Abbad
Maher Al Muaiqly
Al Minshawi
Al Hosary
Mishari Al-afasi
Yasser Al Dosari
لا تنسنا من دعوة صالحة بظهر الغيب