La sourate At-Takwir en Ouïghour
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، |
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، |
تاغلار گۇمران بولغان چاغدا، |
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا، |
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، |
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا، |
جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا، |
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، |
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، |
نامە - ئەماللار ئېچىلغان چاغدا، |
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا، |
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا، |
جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا، |
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى - يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ |
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن |
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، |
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن، |
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن |
قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر |
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر |
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر |
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر |
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى |
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر |
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر |
قەيەرگە بارىسىلەر؟ |
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر |
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر |
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ(29) پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate At-Takwir : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate At-Takwir complète en haute qualité.















Donnez-nous une invitation valide