La sourate Al-Inshiqaq en Ouïghour
ئاسمان يېرىلغان، |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا، |
زېمىن سوزۇلغان، |
قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان، |
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ) |
يَا أَيُّهَا الْإِنسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ(6) ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى - ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن) |
نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ |
نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ |
(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال - خۇرام قايتىدۇ |
نامە - ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم |
«ۋاي دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، |
دوزاخقا كىرىدۇ |
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد - خۇرام ئىدى. |
ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن دەپ گۇمان قىلدى |
ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر |
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى |
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى |
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى، |
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر |
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ |
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟ |
بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ |
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ |
ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن |
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ(25) پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate Al-Inshiqaq : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate Al-Inshiqaq complète en haute qualité.















Donnez-nous une invitation valide