La sourate Al-Alaq en Ouïghour
ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن |
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى |
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر |
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى |
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى |
شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ |
شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ |
(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن) |
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ |
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ |
ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا، |
ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟) |
ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)، |
اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ |
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز |
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز |
ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن! |
بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك - قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز |
(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate Al-Alaq : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate Al-Alaq complète en haute qualité.















Donnez-nous une invitation valide