سۈرىسى اسراء
PDF —
Built right in your browser — download starts automatically
سۈرىسى اسراء pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)
سۈرىسى اسراء pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش سۈرىسى اسراء تەرجىمە. اسراء (Meccan) 111 ئايەت.
Related
- اسراء تەرجىمەئۇيغۇرچە
- اسراء mp3ئاڭلاڭ
- Quran Index ئۇيغۇرچە114
More سۈرىسى PDF
سۈرىسى اسراء

ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧ
اﷲ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴ
مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، (ئۇلارغا) مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق)
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿ
ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، اﷲ نىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى
ﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍ
ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، اﷲ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠ
بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى
ﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬ
ئاندىن (يەنى تەۋبە قىلغىنىڭلاردىن) كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق (يەنى دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلدۇق، سىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق)، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق
ﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧ
(ئى ئسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىپ (ئۇنى خاراب قىلىشى) ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق)
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞ
(ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار (يەنى قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار)، بىز قايتىمىز (يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز). جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق
ﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯ
بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ
ﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
(يەنە مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىدۇكى) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃ
ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا - چاقىلىرىغا) خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر
ﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝ
كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق
ﮞﮟﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬ
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە - ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق. كۆرىدۇ
ﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕ
(ئۇنىڭغا) «نامە - ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ. كۆرىدۇ» دېيىلىدۇ
ﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮ
كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق
ﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽ
بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى - پاسات قىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
ﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌ
نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣ
بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ
ﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰ
كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ
ﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾ
بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ
ﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋ
ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك (جەھەتتىكى پەرق) زىيادە چوڭدۇر
ﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
اﷲ قا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (اﷲ نىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن
ﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱ
پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
ﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟ
ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن
ﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭ
پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا - ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ خاتالىغىڭلارنى كەچۈرىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر
ﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸ
تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن - سەبىلگە (خەيرى - ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل - مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن
ﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃ
ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝ
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى - ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن
ﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫ
قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن) قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇ ئەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن
ﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
ﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓ
زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر
ﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬ
ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، اﷲ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى (ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن (قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە اﷲ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر
ﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡ
يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان - قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر
ﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮ
سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر
ﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀ
بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ
ﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌﰍﰎﰏ
سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن
ﰐﰑﰒﰓﰔﰕﰖﰗ
يۇقىرىقى (ئىش) لارنىڭ ھەممىسى قەبىھ بولۇپ، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياماندۇر
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤ
بۇلار پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، اﷲ قا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان، (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن
ﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱ
ئەجەبا اﷲ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ھەقىقەتەن سىلەر چوڭ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر
ﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼ
ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ (ۋەز - نەسىھەتنى) قۇرئاندا تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) ئۇلار (ھەقىقەتەن) تېخىمۇ يىراقلاشماقتا
ﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊ
مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، اﷲ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى (اﷲ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى
ﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑ
اﷲ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر
ﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩ
يەتتە ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار اﷲ نى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، اﷲ نى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان (مۇشرىكلارغا) قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق
ﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬ
قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ
ﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀ
تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن (يەنى مەسخىرە ئۈچۈن) قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا (سېنىڭ توغراڭدا) پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار (مۆمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ
ﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊ
ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا (بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك) نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار (مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن) ئازدى، ئۇلار (ھىدايەتكە) يول تاپالمايدۇ
ﰋﰌﰍﰎﰏﰐﰑﰒﰓﰔ
مۇشرىكلار: ‹‹بىز قۇرۇق سۆڭەك ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟ ›› دېيىشىدۇ
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗ
سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن
ﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵ
سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن
ﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿ
شۇ كۈندە اﷲ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر
ﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒ
بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
ﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣ
اﷲ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ، سېنى ئۇلار (يەنى كاپىرلار) غا ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق
ﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖ
پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤ
داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر اﷲ نى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ
ﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸ
ئۇلار (اﷲ نى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق اﷲ قا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر
ﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌ
(اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨ
(قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز
ﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄ
ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ (ئەھۋالى) نى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، بىز ساڭا (مىراج كېچىسى ئاسمان - زېمىندىكى ئاجايىپلاردىن) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى (يەنى قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان زەققۇم دەرىخىنى) پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق، بىز ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتىشىمىز ئۇلارنىڭ يولسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
ﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒ
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار!» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس: «سەن لايدىن ياراتقانغا سەجدە قىلامدىمەن؟» دېدى
ﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن)» دېدى
ﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭ
اﷲ (ئىبلىسقا) ئېيتتى؛ «بارغىن (ساڭا مۆھلەت بەردىم)، ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بالىلىرىدىن) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، (جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر
ﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡﯢﯣ
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىشىڭ بىلەن) قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن - شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر
ﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮ
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر»
ﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾ
پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥ
سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت اﷲ لا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا اﷲ تىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، اﷲ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان - ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵ
(دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) اﷲ نىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
ﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌ
ياكى اﷲ نىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۈفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
ﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟ
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلۇغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰ
بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە - ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى (ئېسىڭدا تۇتقىن)، نامە - ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە - ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زورلۇق قىلىنمايدۇ
ﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝ
بۇ دۇنيادا (دىلى) كۆر بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كۆر ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ
ﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬ
ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزگە قۇرئاندىن غەيرىنى ئىپتىرا قىلدۇرۇشقا تاس قالدى، (ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىنىڭدا) ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى (ئۆزلىرىگە) دوست قىلىۋالاتتى
ﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶ
سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ
ﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃ
ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بەرگەن بولاتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچ ئادەم تاپالمايتتىڭ
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟ
(يەھۇدىيلار) سېنى (مەدىنە) زېمىنىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇ يەردىن سېنى خاتىرجەم تۇرغۇزماسلىققا تاس قالدى، شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايتتى (يەنى ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن ھالاك بولاتتى)
ﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬ
(بۇ) سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولىدۇر (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان ھەرقانداق ئۈممەتنى ھالاك قىلىش اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە تۇتقان يولىدۇر)، تۇتقان يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼ
(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ
ﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھممەد! (پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر
ﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘ
«پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن
ﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣ
«ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن
ﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱ
بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)
ﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟ
ئىنسانغا (تۈرلۈك نېمەتلەرنى) بەرسەك (پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (چوڭچىلىق قىلىپ) پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ
ﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫ
ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ
ﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻ
ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن
ﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉ
ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە (دىللاردىن ۋە مۇسھەپلەردىن) كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛ
پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. اﷲ نىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى
ﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯ
ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»
ﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾ
بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مەسىللەرنى خىلمۇ - خىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، (روشەن پاكىتلارنىڭ بولىشىغا قارىماي) ئىنسانلارنىڭ تولىسى پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ
ﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز
ﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن
ﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن، ياكى (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھچى قىلىپ اﷲ نى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن
ﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟ
ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (اﷲ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىكى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (اﷲ نىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ)»
ﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮﯯ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر بىلەن قۇرئان) كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «اﷲ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر
ﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»
ﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋ
(ئى مۇھەممەد! (ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰ
كىمكى اﷲ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە اﷲ تىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز
ﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿ
ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستلا قايتىدىن تېرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر
ﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘ
ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقات اﷲ نىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ اﷲ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك - شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، كاپىرلار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ
ﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨ
«ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن
ﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝ
بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سۆرىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى
ﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭ
مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن (گەرچە تېلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى
ﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷ
پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى - ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق
ﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆ
پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛ
قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
ﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥ
قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە - دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
«قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار ئۇنىڭغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۇنىڭغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ
ﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار اﷲ قا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ
ﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
«اﷲ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى اﷲ نىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن
ﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚ
ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) اﷲ قا خاستۇر! اﷲ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»
قۇرئان كەرىم
Tuesday, August 18, 2026
Don't forget us in your sincere prayers







