2026-10-24

📜 Tafsir

  1. مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك سۆزلەر:
  • خَلْقِ: يارىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش.
  • اخْتِلَافِ: ئالمىشىش، پەرقلىنىش.
  • آيَاتٍ: ئالامەتلەر، دەلىللەر.
  • أُولِي الْأَلْبَابِ: ئەقىل ئىگىلىرى، ساغلام پىكىرلىك كىشىلەر.
  1. ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىدىكى پەرققە قاراپ ئويلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاسمانلار ۋە زېمىن مىسالسىز، ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز يوقتىن بار قىلىنغان. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ بىر-بىرىنى ئالمىشىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر — بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق ئالامەتلەردۇر. بۇ ئالامەتلەرنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىپ، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ. ئۇلار بۇ ئالامەتلەر ئارقىلىق كائىناتنى ياراتقان زاتنىڭ يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭلا ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

  1. بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:
  • ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى تونۇش: ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ مىسالسىز يارىتىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  • ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا تەرغىب: ئاللاھ بىزنى كائىناتتىكى ئالامەتلەرگە قاراپ ئويلىنىشقا، ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىدۇ.
  • ئەقىلنى ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى: ئايەتتە «ئەقىل ئىگىلىرى» دەپ تىلغا ئېلىنىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىلنى ئىشلىتىشكە ۋە ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
  • ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش: بۇ ئالامەتلەر ئاللاھنىڭ يالغۇز ئىبادەتكە لايىق زات ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ.
  • ئىسلام دىنى ئەقىل ۋە پىكىرگە ئاساسلانغان دىن: ئىسلام بىزنى كائىناتنى تەتقىق قىلىشقا، ئاللاھنىڭ يارىتىش سەنئىتىنى چۈشىنىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ.

💻 Embed on your site



قۇرئان كەرىم


Saturday, October 24, 2026

Don't forget us in your sincere prayers