PDF —
25 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

انشقاق سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

انشقاق سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش انشقاق سۈرىسى تەرجىمە. انشقاق سۈرىسى (Meccan) 25 ئايەت.

→ مطففینانشقاق سۈرىسى بروج ←


25 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭣﭤﭥﭦ
84:1 ئاسمان يېرىلغان،
ﭧﭨﭩﭪ
84:2 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا،
ﭫﭬﭭﭮ
84:3 زېمىن سوزۇلغان،
ﭯﭰﭱﭲﭳ
84:4 قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان،
ﭴﭵﭶﭷ
84:5 پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)
ﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀ
84:6 ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى - ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)
ﮁﮂﮃﮄﮅﮆ
84:7 نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
ﮇﮈﮉﮊﮋ
84:8 نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
ﮌﮍﮎﮏﮐ
84:9 (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال - خۇرام قايتىدۇ
ﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗ
84:10 نامە - ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم
ﮘﮙﮚﮛ
84:11 «ۋاي دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)،
ﮜﮝﮞ
84:12 دوزاخقا كىرىدۇ
ﮟﮠﮡﮢﮣﮤ
84:13 چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد - خۇرام ئىدى.
ﮥﮦﮧﮨﮩﮪ
84:14 ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن دەپ گۇمان قىلدى
ﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓ
84:15 ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر
ﯔﯕﯖﯗ
84:16 شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
ﯘﯙﯚﯛ
84:17 شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
ﯜﯝﯞﯟ
84:18 شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى،
ﯠﯡﯢﯣﯤ
84:19 سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر
ﯥﯦﯧﯨﯩ
84:20 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱ
84:21 ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
ﯲﯳﯴﯵﯶ
84:22 بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ
ﯷﯸﯹﯺﯻ
84:23 ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ
ﯼﯽﯾﯿ
84:24 ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚ
84:25 پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers