PDF —
52 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

حاقہ سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

حاقہ سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش حاقہ سۈرىسى تەرجىمە. حاقہ سۈرىسى (Meccan) 52 ئايەت.

→ قلمحاقہ سۈرىسى معارج ←


52 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﮯﮰ
69:1 (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت
ﮱﯓﯔ
69:2 قىيامەت نېمىدۇر؟
ﯕﯖﯗﯘﯙ
69:3 قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ﯚﯛﯜﯝﯞ
69:4 سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى
ﯟﯠﯡﯢﯣ
69:5 سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى
ﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪ
69:6 ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى
ﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻ
69:7 اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن
ﯼﯽﯾﯿﰀﰁ
69:8 ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗ
69:9 پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى
ﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞ
69:10 ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى
ﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦ
69:11 شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)
ﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭ
69:12 شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)
ﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴ
69:13 بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا،
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻ
69:14 زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر - بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا،
ﭼﭽﭾﭿ
69:15 بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ
ﮀﮁﮂﮃﮄﮅ
69:16 ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ
ﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐ
69:17 پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ
ﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗ
69:18 بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ قا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر
ﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡ
69:19 نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ
ﮢﮣﮤﮥﮦﮧ
69:20 نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ
ﮨﮩﮪﮫﮬ
69:21 ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ
ﮭﮮﮯﮰ
69:22 ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ
ﮱﯓﯔ
69:23 ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ
ﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝ
69:24 (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ
ﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨ
69:25 نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
ﯩﯪﯫﯬﯭ
69:26 ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
ﯮﯯﯰﯱ
69:27 دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!
ﯲﯳﯴﯵﯶﯷ
69:28 مېنىڭ مال - مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى
ﯸﯹﯺﯻ
69:29 مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»
ﯼﯽﯾ
69:30 (اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار،
ﯿﰀﰁﰂ
69:31 ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار،
ﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊ
69:32 ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»
ﰋﰌﰍﰎﰏﰐﰑ
69:33 (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
ﰒﰓﰔﰕﰖﰗ
69:34 مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى
ﰘﰙﰚﰛﰜﰝ
69:35 بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖ
69:36 ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر
ﭗﭘﭙﭚﭛ
69:37 ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ
ﭜﭝﭞﭟﭠ
69:38 مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)
ﭡﭢﭣﭤ
69:39 مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)
ﭥﭦﭧﭨﭩ
69:40 بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر
ﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
69:41 ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺ
69:42 ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر
ﭻﭼﭽﭾﭿ
69:43 (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ﮀﮁﮂﮃﮄﮅ
69:44 ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا،
ﮆﮇﮈﮉ
69:45 ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق
ﮊﮋﮌﮍﮎ
69:46 ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق
ﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
69:47 سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى
ﮖﮗﮘﮙ
69:48 شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
ﮚﮛﮜﮝﮞﮟ
69:49 بىز شەك - شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار
ﮠﮡﮢﮣﮤ
69:50 قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ
ﮥﮦﮧﮨ
69:51 قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر
ﮩﮪﮫﮬﮭ
69:52 ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers