La sourate Al-Infitar en Ouïghour
ئاسمان يېرىلغان چاغدا، |
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، |
دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، |
قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا، |
ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ |
يَا أَيُّهَا الْإِنسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ(6) ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ |
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى |
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى |
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر |
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار |
ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ |
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ |
مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ، |
كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ |
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ |
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ |
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ |
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ |
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِّنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ(19) ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate Al-Infitar : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate Al-Infitar complète en haute qualité.

Ahmed Al Ajmy

Bandar Balila

Khalid Al Jalil

Saad Al Ghamdi

Saud Al Shuraim

Abdul Basit

Abdul Rashid Sufi

Abdullah Basfar

Abdullah Al Juhani

Fares Abbad

Maher Al Muaiqly

Al Minshawi

Al Hosary

Mishari Al-afasi

Yasser Al Dosari
Donnez-nous une invitation valide