La sourate Al-Ghashiyah en Ouïghour
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى |
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر |
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر |
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ |
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ |
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ |
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ |
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر |
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر |
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر |
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ |
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ |
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار |

ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، |
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، |
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، |
زېمىن قانداق يېيىتىلدى |
سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن |
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن |
لېكىن كىمكى (ۋەز - نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن، |
اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ |
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ |
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate Al-Ghashiyah : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate Al-Ghashiyah complète en haute qualité.

Donnez-nous une invitation valide