سورة الحاقة بالأويغورية
الْحَاقَّةُ(1) (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت |
قىيامەت نېمىدۇر؟ |
قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ |
سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى |
سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى |
ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى |
اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن |
ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟ |
وَجَاءَ فِرْعَوْنُ وَمَن قَبْلَهُ وَالْمُؤْتَفِكَاتُ بِالْخَاطِئَةِ(9) پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى |
فَعَصَوْا رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَّابِيَةً(10) ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى |
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ(11) شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق) |
لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَا أُذُنٌ وَاعِيَةٌ(12) شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق) |
بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، |
وَحُمِلَتِ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَاحِدَةً(14) زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر - بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، |
بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ |
ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ |
وَالْمَلَكُ عَلَىٰ أَرْجَائِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَانِيَةٌ(17) پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ |
بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ قا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر |
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ(19) نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ |
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ |
ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ |
ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ |
ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ |
كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الْأَيَّامِ الْخَالِيَةِ(24) (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ |
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ(25) نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ! |
ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم! |
دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ! |
مېنىڭ مال - مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى |
مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى» |
(اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار، |
ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار، |
ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ(32) ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار» |
(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى |
مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى |
بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر |
ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر |
ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ |
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) |
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) |
بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر |
ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر |
ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر |
(ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر |
ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، |
ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق |
ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق |
سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى |
شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر |
بىز شەك - شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار |
قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ |
قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر |
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن |
المزيد من السور باللغة الأويغورية:
تحميل سورة الحاقة بصوت أشهر القراء :
قم باختيار القارئ للاستماع و تحميل سورة الحاقة كاملة بجودة عالية
أحمد العجمي
خالد الجليل
سعد الغامدي
سعود الشريم
عبد الباسط
عبد الله الجهني
علي الحذيفي
فارس عباد
ماهر المعيقلي
محمد جبريل
المنشاوي
الحصري
مشاري العفاسي
ناصر القطامي
ياسر الدوسري
Wednesday, January 22, 2025
لا تنسنا من دعوة صالحة بظهر الغيب