La sourate Al-Layl en Ouïghour
قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى، |
يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، |
ئەر - ئايالنى ياراتقان زات اﷲ بىلەن قەسەمكى، |
سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك - شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر |
(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك |
(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، |
ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز |
بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك |
بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، |
بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز |
ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ |
توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك - شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز |
دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك - شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر |
سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم |
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ |
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ |
پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ |
پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ |
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر |
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر |
ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate Al-Layl : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate Al-Layl complète en haute qualité.















Donnez-nous une invitation valide