La sourate At-Tariq en Ouïghour
| ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن |
| تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ |
| ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر |
| ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار |
| ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن |
| ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى |
| ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ |
| شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر |
| سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، |
| ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر |
| يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى، |
| يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى، |
| قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر، |
| ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر |
| ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ |
| مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن |
| (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن) |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate At-Tariq : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate At-Tariq complète en haute qualité.
Ahmed Al Ajmy
Bandar Balila
Khalid Al Jalil
Saad Al Ghamdi
Saud Al Shuraim
Abdul Basit
Abdul Rashid Sufi
Abdullah Basfar
Abdullah Al Juhani
Fares Abbad
Maher Al Muaiqly
Al Minshawi
Al Hosary
Mishari Al-afasi
Yasser Al Dosari
Donnez-nous une invitation valide




