La sourate At-Tur en Ouïghour
وَالطُّورِ(1) تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى، |
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى، |
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى، |
بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى، |
ئاسمان بىلەن قەسەمكى، |
(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى، |
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر |
ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ |
ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ |
تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ) |
ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي! |
ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر |
ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ |
(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ) |
(ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر |
دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ) |
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ |
فَاكِهِينَ بِمَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ وَوَقَاهُمْ رَبُّهُمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ(18) ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ |
(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) |
مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ سُرُرٍ مَّصْفُوفَةٍ ۖ وَزَوَّجْنَاهُم بِحُورٍ عِينٍ(20) ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز |
ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر |
وَأَمْدَدْنَاهُم بِفَاكِهَةٍ وَلَحْمٍ مِّمَّا يَشْتَهُونَ(22) ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز |
يَتَنَازَعُونَ فِيهَا كَأْسًا لَّا لَغْوٌ فِيهَا وَلَا تَأْثِيمٌ(23) ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ |
۞ وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ غِلْمَانٌ لَّهُمْ كَأَنَّهُمْ لُؤْلُؤٌ مَّكْنُونٌ(24) گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ |
ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ |
ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق |
اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى |
إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلُ نَدْعُوهُ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْبَرُّ الرَّحِيمُ(28) بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى اﷲ قا ئىبادەت قىلاتتۇق، اﷲ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» |
فَذَكِّرْ فَمَا أَنتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ(29) (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن |
أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَّتَرَبَّصُ بِهِ رَيْبَ الْمَنُونِ(30) ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)» |
قُلْ تَرَبَّصُوا فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ الْمُتَرَبِّصِينَ(31) ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)» |
أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَامُهُم بِهَٰذَا ۚ أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ(32) ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر |
ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ |
ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار |
أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ(35) ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ |
أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ(36) ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ |
أَمْ عِندَهُمْ خَزَائِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ الْمُصَيْطِرُونَ(37) ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟ |
أَمْ لَهُمْ سُلَّمٌ يَسْتَمِعُونَ فِيهِ ۖ فَلْيَأْتِ مُسْتَمِعُهُم بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ(38) ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن |
ياكى اﷲ نىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟ |
أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ(40) ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟) |
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟ |
أَمْ يُرِيدُونَ كَيْدًا ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا هُمُ الْمَكِيدُونَ(42) ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە - مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ |
أَمْ لَهُمْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ(43) ياكى ئۇلارنىڭ اﷲ تىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) اﷲ پاكتۇر |
وَإِن يَرَوْا كِسْفًا مِّنَ السَّمَاءِ سَاقِطًا يَقُولُوا سَحَابٌ مَّرْكُومٌ(44) ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ |
فَذَرْهُمْ حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي فِيهِ يُصْعَقُونَ(45) ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن |
يَوْمَ لَا يُغْنِي عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ(46) ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ |
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا عَذَابًا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ(47) ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ |
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ(48) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش (ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن |
كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate At-Tur : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate At-Tur complète en haute qualité.
![surah At-Tur Ahmed El Agamy mp3 surah At-Tur Ahmed El Agamy](https://i.pinimg.com/564x/b1/9f/03/b19f03a9f2f09c46afbfd4f03727aee7.jpg)
![surah At-Tur Bandar Balila mp3 surah At-Tur Bandar Balila](https://i.pinimg.com/564x/3e/27/fa/3e27fa5bbbd4d19ee2f4b4975224913e.jpg)
![surah At-Tur Khalid Al Jalil mp3 surah At-Tur Khalid Al Jalil](https://i.pinimg.com/564x/9b/26/36/9b2636f5bbf7ef72abdb817018e96a4d.jpg)
![surah At-Tur Saad Al Ghamdi mp3 surah At-Tur Saad Al Ghamdi](https://i.pinimg.com/564x/85/27/cf/8527cf694f379425e43b9a4fe54b6cfb.jpg)
![surah At-Tur Saud Al Shuraim mp3 surah At-Tur Saud Al Shuraim](https://i.pinimg.com/564x/ad/79/67/ad79679d76062df7166c6e2f52d397d6.jpg)
![surah At-Tur Abdul Basit Abdul Samad mp3 surah At-Tur Abdul Basit Abdul Samad](https://i.pinimg.com/564x/52/95/ae/5295ae7c08e4ebdc7eda3ddb5c6c0a19.jpg)
![surah At-Tur Abdul Rashid Sufi mp3 surah At-Tur Abdul Rashid Sufi](https://i.pinimg.com/564x/80/56/ee/8056ee030160e5c7216811b7b209343c.jpg)
![surah At-Tur Abdullah Basfar mp3 surah At-Tur Abdullah Basfar](https://i.pinimg.com/236x/f5/7b/a1/f57ba14ba4844cee88cdf7cfb2b06510.jpg)
![surah At-Tur Abdullah Awwad Al Juhani mp3 surah At-Tur Abdullah Awwad Al Juhani](https://i.pinimg.com/564x/aa/4d/0b/aa4d0b16c5fbc41efcd692947a4d75ad.jpg)
![surah At-Tur Fares Abbad mp3 surah At-Tur Fares Abbad](https://s-media-cache-ak0.pinimg.com/564x/2b/28/ae/2b28aef3f9678b7cd89315d5ffceba2f.jpg)
![surah At-Tur Maher Al Muaiqly mp3 surah At-Tur Maher Al Muaiqly](https://s-media-cache-ak0.pinimg.com/564x/ab/cc/99/abcc9949d0419ef1f0963a54aef06397.jpg)
![surah At-Tur Al Minshawi mp3 surah At-Tur Muhammad Siddiq Al Minshawi](https://i.pinimg.com/564x/21/76/8d/21768d297bd3460f7339b7b755f53d03.jpg)
![surah At-Tur Mahmoud Khalil Al Hosary mp3 surah At-Tur Al Hosary](https://i.pinimg.com/564x/3f/da/7e/3fda7ed5056347e700cac64d07e164c3.jpg)
![surah At-Tur Mishari Al-afasi mp3 surah At-Tur Al-afasi](https://i.pinimg.com/564x/0a/40/9e/0a409ef09a55700877c20d7195fe9126.jpg)
![surah At-Tur Yasser Al Dosari mp3 surah At-Tur Yasser Al Dosari](https://s-media-cache-ak0.pinimg.com/564x/32/3e/17/323e173f4833680898f51240bedd4973.jpg)
Donnez-nous une invitation valide