لَّا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ رَّقِيبًا ٥٢
🔤 Transliteration
Laa yahillu lakan nisaaa`u mim ba`du wa laaa an tabaddala bihinna min azwaajinw wa law ajabaka husnuhunna illaa maa malakat yameenukk; wa kaanal laahu `alaa kulli shai`ir Raqeeba
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلەش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى: «لَّا يَحِلُّ»: ھالال بولمايدۇ، جائىز ئەمەس. «مِن بَعْدُ»: بۇنىڭدىن كېيىن، يەنى ئىلگىرىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئاياللاردىن كېيىن. «تَبَدَّلَ»: ئالماشتۇرۇش، باشقىسىغا ئۆزگەرتىش. «مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ»: قولۇڭ ئىگە بولغانلار، يەنى چۆرىلەر (كۈڭلەر ). «رَقِيبًا»: كۆزەتكۈچى، ھەممە ئىشنى كۆرۈپ تۇرغۇچى. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە باشقا ئاياللارنى نىكاھىڭىزغا ئېلىش ھالال ئەمەس، يەنى ئىلگىرىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئاياللىرىڭىزدىن باشقا ئاياللارنى ئېلىش جائىز ئەمەس. شۇنداقلا ئۇ ئاياللىرىڭىزنى تالاق قىلىپ، ئورنىغا باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭىزمۇ ھالال ئەمەس، گەرچە ئۇ باشقا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى سىزنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ. پەقەت قولۇڭ ئىگە بولغان چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇلارنى ئېلىشىڭىزغا بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىدىن غايىب ئەمەس.
بۇ ئايەت ئۇممۇل مۇئمىنلەرنىڭ، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۇلۇغ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تەئالا ئۇلارنى تالاق قىلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باشقا ئايال ئېلىشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چەكلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ شەرىپى ۋە ئىززىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تەئالا ھەممە ئىشقا كۆزەتكۈچىدۇر، ھەر بىر ئادەمنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى يولىمىزدۇر. ئاللاھ تەئالا ھەر بىر ئىشنى كۆزىتىپ تۇرغاچقا، بىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشىمىز ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىزگە پايدىلىق بولىدۇ.
لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعۡدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجٍ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ حُسۡنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ رَّقِيبًا ٥٢
(ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلەش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 50-54 — احزاب سۈرىسى
50 يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُّؤْمِنَةً إِن وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَن يَسْتَنكِحَهَا خَالِصَةً لَّكَ مِن دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، اﷲ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ مالىك بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
51 ۞ تُرْجِي مَن تَشَاءُ مِنْهُنَّ وَتُؤْوِي إِلَيْكَ مَن تَشَاءُ ۖ وَمَنِ ابْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَا آتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
52 لَّا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ رَّقِيبًا
(ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلەش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
53 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتَ النَّبِيِّ إِلَّا أَن يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَاظِرِينَ إِنَاهُ وَلَٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَادْخُلُوا فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَانتَشِرُوا وَلَا مُسْتَأْنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِي النَّبِيَّ فَيَسْتَحْيِي مِنكُمْ ۖ وَاللَّهُ لَا يَسْتَحْيِي مِنَ الْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَن تُؤْذُوا رَسُولَ اللَّهِ وَلَا أَن تَنكِحُوا أَزْوَاجَهُ مِن بَعْدِهِ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِندَ اللَّهِ عَظِيمًا
ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، اﷲ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر
54 إِن تُبْدُوا شَيْئًا أَوْ تُخْفُوهُ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (اﷲ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە — احزاب 52 احزاب سۈرىسى ئايەت 52 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال…
سۈرىسى ئايەت 52/73 — احزاب سۈرىسى الأحزاب (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: احزاب سۈرىسى ئاڭلاڭ, احزاب سۈرىسى تەرجىمە, احزاب سۈرىسى mp3, احزاب سۈرىسى pdf. ئايەت 50–54. ئۇيغۇرچە: Türkçe.