8 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭫﭬﭭ
95:1 ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،
ﭮﭯﭰ
95:2 سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،
ﭱﭲﭳﭴ
95:3 بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻ
95:4 بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق
ﭼﭽﭾﭿﮀ
95:5 ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق
ﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊ
95:6 پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
ﮋﮌﮍﮎﮏ
95:7 (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟
ﮐﮑﮒﮓﮔ
95:8 اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟

قۇرئان كەرىم


Tuesday, September 29, 2026

Don't forget us in your sincere prayers