PDF —
19 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

علق سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

علق سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش علق سۈرىسى تەرجىمە. علق سۈرىسى (Meccan) 19 ئايەت.

→ تینعلق سۈرىسى قدر ←


19 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﮕﮖﮗﮘﮙﮚ
96:1 ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن
ﮛﮜﮝﮞﮟ
96:2 ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى
ﮠﮡﮢﮣ
96:3 ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر
ﮤﮥﮦﮧ
96:4 ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى
ﮨﮩﮪﮫﮬﮭ
96:5 ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى
ﮮﮯﮰﮱﯓ
96:6 شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
ﯔﯕﯖﯗ
96:7 شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
ﯘﯙﯚﯛﯜ
96:8 (ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)
ﯝﯞﯟﯠ
96:9 ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
ﯡﯢﯣﯤ
96:10 ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
ﯥﯦﯧﯨﯩﯪ
96:11 ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا،
ﯫﯬﯭﯮ
96:12 ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)
ﭑﭒﭓﭔﭕ
96:13 ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)،
ﭖﭗﭘﭙﭚﭛ
96:14 اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
ﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢ
96:15 ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
ﭣﭤﭥﭦ
96:16 ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
ﭧﭨﭩ
96:17 ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!
ﭪﭫﭬ
96:18 بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك - قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳ
96:19 (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers