قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ ١٦
🔤 Transliteration
Wul mar Rabbus samaawaati wal ard; qulillaah; qul afattakhaztum min dooniheee awliyaaa`a laa yamlikoona li anfusihim naf`anw wa laa darraa; qul hal yastawil a`maa wal baseeru am hal tastawiz zulumaatu wannoor; am ja`aloo lillaahi shurakaaa`a khalaqoo kakhalqihee fatashaa bahal khalqu `alaihim; qulil laahu Khaaliqu kulli shai`inw wa Huwal Waahidul Qahhar
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: رَبُّ : ئىگە، پەرۋەردىگار، يارىتىپ تەربىيە قىلغۇچى.أَوْلِيَاءَ : دوستلار، ياردەمچىلەر، ئىگە قىلىۋالغان مەبۇدلار.الْأَعْمَىٰ : كور — بۇ يەردە كاپىر كىشىگە ئوخشىتىلغان.الْبَصِيرُ : كۆرگۈچى — بۇ يەردە مۇئمىن كىشىگە ئوخشىتىلغان.الظُّلُمَاتُ : زۇلمەتلەر، قاراڭغۇلۇقلار — كۇفرىغا ئوخشىتىلغان.النُّورُ : يورۇقلۇق — ئىمانغا ئوخشىتىلغان.الْقَهَّارُ : غالىب، ھەممە نەرسىنى بويسۇندۇرغۇچى.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىن: ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كىم باشقۇرۇپ تۇرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئېتىراپ قىلغىنىدەك، ئېيتقىن: ئۇلارنى ياراتقان ۋە باشقۇرغان ئاللاھتۇر. ئاندىن ئۇلارغا ئېيتقىن: ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولمىغان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ پايدا-زىيانىغا ئىگە بولمىغان نەرسىلەرنى ئىگە قىلىۋالدىڭلارمۇ؟ ئۇنداق مەخلۇقلار سىلەرگە قانداق پايدا يەتكۈزەلەيدۇ ياكى زىياننى قانداق دەپئى قىلالايدۇ؟
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىن: كاپىر بولغان كىشى بىلەن ئىمان ئېيتقان كىشى باراۋەر بولالامدۇ؟ كاپىر كور كىشىگە ئوخشايدۇ، مۇئمىن بولسا كۆزى ئوچۇق، ھىدايەت تاپقان كىشىگە ئوخشايدۇ. يەنە كۇفرى بىلەن ئىمان باراۋەر بولالامدۇ؟ كۇفرى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئىمان بولسا يورۇقلۇققا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان بۇتلىرى ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش نەرسە ياراتقانمۇ، شۇڭا ئۇلارغا يارىتىش ئارىلىشىپ كېتىپ، بۇتلارنىمۇ ئىبادەتكە لايىق دەپ ئويلىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس! ئېيتقىن: ئاللاھ يالغۇز ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. ئۇ يەككە-يالغۇز ئىبادەتكە لايىق زاتتۇر، ھەممە نەرسىدىن غالىبتۇر.
3) دەۋەت ۋە نەسىھەت: ئى ئىنسان! ئويلىنىپ باققىن: سېنى ۋە پۈتۈن ئاسمان-زېمىننى ياراتقان زات كىم؟ ئۇ ئاللاھتۇر. ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولمىغان نەرسىلەرگە يۆلەنسەن؟ ئاللاھ سېنى ياراتتى، ساڭا ھايات بەردى، سەن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭ كېرەك. ئىمان بىلەن كۇفرى، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ھەرگىز باراۋەر ئەمەس. ئىمان يولى يورۇق ۋە ئوچۇق يولتۇر، ئۇ سېنى ھەقىقەت ۋە خۇشاللىققا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ يەككە-يالغۇز، ھەممە نەرسىدىن غالىبتۇر. ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا يۆلەنىشتۇر.
قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ قُلِ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ لَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ نَفۡعًا وَلَا ضَرًّاۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ أَمۡ هَلۡ تَسۡتَوِي ٱلظُّلُمَٰتُ وَٱلنُّورُۗ أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٍ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ ١٦
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 14-18 — رعد سۈرىسى
14 لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُم بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ ۚ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا اﷲ قا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس - تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر
15 وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُم بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا اﷲ قا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ
16 قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
17 أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَّابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِّثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
اﷲ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇ لىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ (يەنى كۆپۈكمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). اﷲ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، اﷲ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
18 لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُم مَّا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
اﷲ نىڭ (ئىمان غا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال - مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال - مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!
تەرجىمە — رعد 16 رعد سۈرىسى ئايەت 16 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى…
سۈرىسى ئايەت 16/43 — رعد سۈرىسى الرعد (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: رعد سۈرىسى ئاڭلاڭ, رعد سۈرىسى تەرجىمە, رعد سۈرىسى mp3, رعد سۈرىسى pdf. ئايەت 14–18. ئۇيغۇرچە: Türkçe.