طارق سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)
طارق سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش طارق سۈرىسى تەرجىمە. طارق سۈرىسى (Meccan) 17 ئايەت.
Related
- طارق سۈرىسى تەرجىمەئۇيغۇرچە
- طارق سۈرىسى mp3ئاڭلاڭ
- Quran Index ئۇيغۇرچە114
More سۈرىسى PDF
طارق سۈرىسى

ﭑﭒﭓ
86:1
ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن
ﭔﭕﭖﭗﭘ
86:2
تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ﭙﭚﭛ
86:3
ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر
ﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢ
86:4
ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار
ﭣﭤﭥﭦﭧ
86:5
ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن
ﭨﭩﭪﭫﭬ
86:6
ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
86:7
ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ
ﭳﭴﭵﭶﭷ
86:8
شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر
ﭸﭹﭺﭻ
86:9
سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،
ﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂ
86:10
ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر
ﮃﮄﮅﮆ
86:11
يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،
ﮇﮈﮉﮊ
86:12
يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،
ﮋﮌﮍﮎ
86:13
قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،
ﮏﮐﮑﮒ
86:14
ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر
ﮓﮔﮕﮖ
86:15
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ
ﮗﮘﮙ
86:16
مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
ﮚﮛﮜﮝﮞ
86:17
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)
قۇرئان كەرىم
Wednesday, September 9, 2026
Don't forget us in your sincere prayers







