بقرہ · 237/286
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — بقرہ سۈرىسى
وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ ۝٢٣٧
Wa in tallaqtumoohunna min qabli an tamassoohunna wa qad farad tum lahunna fareedatan fanisfu maa faradtum illaaa ai ya`foona aw ya`fuwallazee biyadihee `uqdatunnikaah; wa an ta`foona aw ya`fuwallazee biyadihee `uqdatunnikaah; wa an ta`fooo aqrabu littaqwaa; wa laa tansawulfadla bainakum; innal laaha bimaa ta`maloona Baseer
📖 ئۇيغۇرچە
ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

  1. ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر:
  • «تَمَسُّوهُنَّ»: ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش (يەنى زىفاف قىلىش).
  • «فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً»: ئۇلارغا مەھرىنى بەلگىلەپ بېكىتىش.
  • «يَعْفُونَ»: ئاياللارنىڭ ئۆز ھەققىدىن (يەنى مەھرىنىڭ يېرىمىدىن) ۋاز كېچىشى.
  • «الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ»: نىكاھ ئەقدى قولىدا بولغان كىشى، يەنى ئەر (بەزى ئالىملارچە ۋەلىي).
  • «الْفَضْلَ»: ئارتۇقچە ياخشىلىق، ئەلچىلىك ۋە كەڭ قورساقلىق.
  1. ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارنى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلساڭلار، ھالبۇكى ئۇلارغا مەھر بەلگىلەپ بېكىتكەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا بەلگىلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار ۋاجىب بولىدۇ. بىراق ئاياللار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆز ھەققىدىن ۋاز كەچسە، ياكى نىكاھ ئەقدى قولىدا بولغان ئەر مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ قويۇپ كەڭ قورساقلىق قىلسا، بۇ ئىككى ھالەت بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەي ئەر-ئاياللار! سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىشىڭلار، ھەق-ھوقۇقتا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشىڭلار تەقۋالىققا ئەڭ يېقىن يول. شۇڭا ئاراڭلاردا ئەلچىلىك ۋە ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر بىر ياخشىلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! بۇ ئايەت بىزگە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتە ئەلچىلىك ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ھەق-ھوقۇقتا ئادالەتلىك بولۇشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ياخشىلىق قىلىشقا، ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ھەقلىرىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشكە چاقىرىدۇ. بۇنداق قىلىش تەقۋالىققا ئەڭ يېقىن يول بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلىدۇر. ئاللاھ ھەممە ئىشىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا ياخشىلىق قىلىشتا ئالدىراڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئەجىرلەرنى بېرىدۇ.



📜 ئايەت 235-239 — بقرہ سۈرىسى

235وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَن تَقُولُوا قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار اﷲ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (اﷲ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
236لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ
ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل - مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر
237وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
238حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَىٰ وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ
(بەش) نامازنى بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار
239فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار)، ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۆگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار
بقرہقۇرئان تىزىملىكى
286ئايەت
MedinanRevelation
237ئايەت

تەرجىمە — بقرہ 237

بقرہ سۈرىسى ئايەت 237 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن…

سۈرىسى ئايەت 237/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 235–239. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers