PDF —
40 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

نبأ سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

نبأ سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش نبأ سۈرىسى تەرجىمە. نبأ سۈرىسى (Meccan) 40 ئايەت.



40 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭑﭒﭓ
78:1 (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟
ﭔﭕﭖﭗ
78:2 ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ
ﭘﭙﭚﭛﭜ
78:3 ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر
ﭝﭞﭟ
78:4 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ
ﭠﭡﭢﭣ
78:5 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ
ﭤﭥﭦﭧﭨ
78:6 (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
ﭩﭪﭫ
78:7 (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
ﭬﭭﭮ
78:8 سىلەرنى ئەر - ئايال قىلىپ ياراتتۇق
ﭯﭰﭱﭲ
78:9 ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق
ﭳﭴﭵﭶ
78:10 كېچىنى لىباس قىلدۇق
ﭷﭸﭹﭺ
78:11 كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق
ﭻﭼﭽﭾﭿ
78:12 ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق
ﮀﮁﮂﮃ
78:13 (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (كۈننى) ياراتتۇق
ﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
78:14 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
ﮊﮋﮌﮍﮎ
78:15 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
ﮏﮐﮑ
78:16 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
ﮒﮓﮔﮕﮖﮗ
78:17 قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر
ﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞ
78:18 ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر
ﮟﮠﮡﮢﮣ
78:19 ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ
ﮤﮥﮦﮧﮨ
78:20 تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەررابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)
ﮩﮪﮫﮬﮭ
78:21 جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ
ﮮﮯﮰ
78:22 جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر
ﮱﯓﯔﯕ
78:23 ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ
ﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜ
78:24 ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ
ﯝﯞﯟﯠ
78:25 ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ
ﯡﯢﯣ
78:26 بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر
ﯤﯥﯦﯧﯨﯩ
78:27 چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى
ﯪﯫﯬﯭ
78:28 ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى
ﯮﯯﯰﯱﯲ
78:29 ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز
ﯳﯴﯵﯶﯷﯸ
78:30 (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»
ﭑﭒﭓﭔ
78:31 شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ
ﭕﭖﭗ
78:32 (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر
ﭘﭙﭚ
78:33 تەڭتۇش قىزلاردۇر
ﭛﭜﭝ
78:34 (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر
ﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤ
78:35 ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ
ﭥﭦﭧﭨﭩﭪ
78:36 (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر
ﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶ
78:37 ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
ﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄﮅﮆ
78:38 جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار (نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ
ﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑ
78:39 ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)
ﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠﮡ
78:40 بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers