إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَّمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَن لِّمَن شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ٦٢
🔤 Transliteration
Innamal mu`minoonal lazeena aamanoo billaahi wa Rasoolihee wa izaa kaanoo ma`ahoo `alaaa amrin jaami`il lam yazhaboo hataa yastaazinooh; innal lazeena yastaa zinookana ulaaa`ikal lazeena yu`minoona billaahi wa Rasoolih; fa izas taazanooka liba`di shaanihim faazal liman shi`ta minhum wastaghfir lahumul laah; innal laaha Gahfoor Raheem
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: أَمْرٍ جَامِعٍ (ئەمرى جامىئ ): ھەممە كىشىنى بىر يەرگە توپلايدىغان ئىش، مەسىلەن جىھاد، جۇمۇئە، ھېيت ۋە مۇھىم مەسلىھەت مەجلىسى قاتارلىقلار.يَسْتَأْذِنُوهُ (يەستەئزىنۇھۇ ): ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىشى.شَأْنِهِمْ (شەئنىھىم ): ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەئەللۇق مۇھىم ئىشى، ئېھتىياجى.فَأْذَن (فەئزەن ): رۇخسەت قىلغىن، ئىجازەت بەرگىن.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھەقىقىي مۇئمىنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرﷺگە چىن دىلىدىن ئىمان كەلتۈرگەن، ۋە ئىمانىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار پەيغەمبەرﷺ بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن توپلانغان مۇھىم بىر ئىشتا (مەسىلەن جىھاد، جۇمۇئە، ھېيت ياكى مۇھىم مەسلىھەت مەجلىسىدە ) بولغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرﷺدىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەيدۇ ۋە تارقالمایدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرﷺگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىتائىتىنىڭ، شۇنداقلا ئىمانىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرﷺگە قارىتىپ: «ئى پەيغەمبەر! سەندىن رۇخسەت سورايدىغانلار، ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرﷺگە چىن دىلىدىن ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەردۇر» دەيدۇ. يەنى رۇخسەت سوراش ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ روشەن ئالامىتىدۇر. ئەگەر ئۇلار بەزى مۇھىم ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خالىغىنىڭغا رۇخسەت قىلغىن، ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا رەھىمدۇر.
بۇ ئايەت مۇئمىنلەرگە ئۈلگە بولىدىغان ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىدۇ: جامائەت ئىشلىرىدا ۋە پەيغەمبەرﷺنىڭ مەجلىسىدە رۇخسەتسىز چىقىپ كەتمەسلىك، جامائەتنىڭ مەنپەئىتىنى شەخسىي ئىشتىن ئەۋزەل بىلىش، ۋە رەھبەرگە بولغان ھۆرمەت-ئىتائىتنى ساقلاش. بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئىمان پەقەت تىلدا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھاياتتا كۆرسىتىلىدىغان ئىتائەت، ھۆرمەت ۋە تەرتىپتۇر. ئاللاھ بىزنى ھەقىقىي مۇئمىنلەردىن قىلغاي!
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَإِذَا كَانُواْ مَعَهُۥ عَلَىٰٓ أَمۡرٍ جَامِعٍ لَّمۡ يَذۡهَبُواْ حَتَّىٰ يَسۡتَـٔۡذِنُوهُۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ فَإِذَا ٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِبَعۡضِ شَأۡنِهِمۡ فَأۡذَن لِّمَن شِئۡتَ مِنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمُ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ٦٢
اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 60-64 — نور سۈرىسى
60 وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە (ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن يۈرسە)، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
61 لَّيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰ أَنفُسِكُمْ أَن تَأْكُلُوا مِن بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُم مَّفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا ۚ فَإِذَا دَخَلْتُم بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَىٰ أَنفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِّنْ عِندِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
(جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) اﷲ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار) اﷲ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
62 إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَّمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَن لِّمَن شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
63 لَّا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُم بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى اﷲ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن
64 أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قَدْ يَعْلَمُ مَا أَنتُمْ عَلَيْهِ وَيَوْمَ يُرْجَعُونَ إِلَيْهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە — نور 62 نور سۈرىسى ئايەت 62 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر،…
سۈرىسى ئايەت 62/64 — نور سۈرىسى النور (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: نور سۈرىسى ئاڭلاڭ, نور سۈرىسى تەرجىمە, نور سۈرىسى mp3, نور سۈرىسى pdf. ئايەت 60–64. ئۇيغۇرچە: Türkçe.