PDF —
30 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

فجر سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

فجر سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش فجر سۈرىسى تەرجىمە. فجر سۈرىسى (Meccan) 30 ئايەت.

→ غاشیہفجر سۈرىسى بلد ←


30 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭤﭥ
89:1 سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
ﭦﭧﭨ
89:2 سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
ﭩﭪﭫ
89:3 سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
ﭬﭭﭮﭯ
89:4 سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
ﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶ
89:5 ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرىقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك) قەسەم بارمۇ؟
ﭷﭸﭹﭺﭻﭼﭽ
89:6 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد - كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ﭾﭿﮀﮁ
89:7 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد - كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈ
89:8 بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى
ﮉﮊﮋﮌﮍﮎ
89:9 شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى اﷲ قانداق جازالىدى
ﮏﮐﮑﮒ
89:10 شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى
ﮓﮔﮕﮖﮗ
89:11 ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى
ﮘﮙﮚﮛ
89:12 ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى
ﮜﮝﮞﮟﮠﮡ
89:13 پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى
ﮢﮣﮤﮥ
89:14 پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱ
89:15 پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ
ﯓﯔﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝ
89:16 پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ
ﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤ
89:17 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر
ﯥﯦﯧﯨﯩﯪ
89:18 بىر - بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر
ﯫﯬﯭﯮﯯ
89:19 مىراسنى (ھالال–ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر
ﯰﯱﯲﯳﯴ
89:20 مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر
ﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼ
89:21 (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
ﯽﯾﯿﰀﰁﰂ
89:22 پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛ
89:23 (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن
ﭜﭝﭞﭟﭠ
89:24 ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
ﭡﭢﭣﭤﭥﭦ
89:25 شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) اﷲ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ
ﭧﭨﭩﭪﭫ
89:26 ھەمدە ھېچ ئەھەدى اﷲ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ
ﭬﭭﭮﭯ
89:27 ئى ئارام تاپقۇچى جان!
ﭰﭱﭲﭳﭴﭵ
89:28 سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن
ﭶﭷﭸﭹ
89:29 سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن
ﭺﭻﭼ
89:30 مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers