لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُم مُّدْبِرِينَ ٢٥
🔤 Transliteration
Laqad nasarakumul laahu fee mawaatina kaseeratinw wa yawma Hunainin iz a`jabatkum kasratukum falam tughni `ankum shai`anw wa daaqat `alaikumul ardu bimaa rahubat summa wallaitum mudbireen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
اﷲ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر: مَوَاطِنَ: ئۇرۇش مەيدانلىرى، جەڭگاھلار. بىرلىك شەكلى "مَوْطِنٌ". حُنَيْنٍ: مەككە بىلەن تائىف ئارىسىدىكى بىر ئېغىزنىڭ ئىسمى، ھۇنەين ئېغىزى. أَعْجَبَتْكُمْ: سىلەرنى ھەيران قالدۇردى، مەپتۇن قىلدى. تُغْنِ: ئاساسىي پايدا بېرىدۇ، ياردەم قىلىدۇ. بِمَا رَحُبَتْ: كەڭلىكى بىلەن، كەڭ بولغانلىقىغا قارىماي. مُدْبِرِينَ: ئارقىغا قاراپ قاچقۇچىلار، يېنىڭلارغا قاراپ قاچقان ھالدا. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرنى نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا غەلىبە قىلدۇردى. بۇ غەلىبىلەر سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا تاۋەككۈل قىلغانلىقىڭلار ۋە ئەمەلىي سەۋەبلەرنى تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىدى. بەدر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، بەنى قۇرەيزە ۋە بەنى نەزىر قاتارلىق نۇرغۇن جەڭلەردە ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەردى.
ھۇنەين كۈنىدىمۇ ئاللاھ سىلەرنى غەلىبە قىلدۇردى. ئەمما ئۇ كۈنى سىلەرنىڭ سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، "بۈگۈن بىز ئازلىقتىن ئۇتتۇرۇپ قويمايمىز" دەپ ئويلاپ قالدىڭلار. ئەمما سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە ھېچقانداق پايدا بەرمىدى. دۈشمەن سىلەرگە غەلىبە قىلدى، زېمىن كەڭ بولسىمۇ سىلەرگە تارلىق قىلدى، ئاخىرى سىلەر ئارقىغا قاراپ قاچتىڭلار.
بۇ ئايەتتىن ئالىدىغان ساۋاق شۇكى: غەلىبە سان-ساناققا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باغلىق. سانىڭلار كۆپ بولغاندا مەغرۇرلانماي، ئاللاھقا تاۋەككۈل قىلىش ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىش لازىم. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىمانىنى ۋە ئاللاھقا بولغان تاۋەككۈلىنى ئۆلچەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھقا يۆلەنەيلى، ئۇنىڭ ياردىمىنى تىلەيلى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلايلى.
لَقَدۡ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ وَيَوۡمَ حُنَيۡنٍ إِذۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡ كَثۡرَتُكُمۡ فَلَمۡ تُغۡنِ عَنكُمۡ شَيۡـًٔا وَضَاقَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ ثُمَّ وَلَّيۡتُم مُّدۡبِرِينَ ٢٥
اﷲ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 23-27 — توبہ سۈرىسى
23 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ)
24 قُلْ إِن كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُم مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اﷲ تىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ»
25 لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُم مُّدْبِرِينَ
اﷲ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار
26 ثُمَّ أَنزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
ئاندىن پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، اﷲ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ
27 ثُمَّ يَتُوبُ اللَّهُ مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
شۇنىڭدىن كېيىن، اﷲ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
تەرجىمە — توبہ 25 توبہ سۈرىسى ئايەت 25 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : اﷲ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە)…
سۈرىسى ئايەت 25/129 — توبہ سۈرىسى التوبة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: توبہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, توبہ سۈرىسى تەرجىمە, توبہ سۈرىسى mp3, توبہ سۈرىسى pdf. ئايەت 23–27. ئۇيغۇرچە: Türkçe.