PDF —
49 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

طور سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

طور سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش طور سۈرىسى تەرجىمە. طور سۈرىسى (Meccan) 49 ئايەت.

→ ذاریاتطور سۈرىسى نجم ←


49 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﮞﮟ
52:1 تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى،
ﮠﮡﮢ
52:2 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى،
ﮣﮤﮥﮦ
52:3 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى،
ﮧﮨﮩ
52:4 بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى،
ﮪﮫﮬ
52:5 ئاسمان بىلەن قەسەمكى،
ﮭﮮﮯ
52:6 (قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى،
ﮰﮱﯓﯔﯕ
52:7 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر
ﯖﯗﯘﯙﯚ
52:8 ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ
ﯛﯜﯝﯞﯟ
52:9 ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ
ﯠﯡﯢﯣ
52:10 تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)
ﯤﯥﯦﯧ
52:11 ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي!
ﯨﯩﯪﯫﯬﯭ
52:12 ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر
ﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴ
52:13 ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ
ﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻ
52:14 (ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗ
52:15 (ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر
ﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥ
52:16 دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫ
52:17 تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ
ﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴ
52:18 ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻ
52:19 (ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)
ﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃﮄ
52:20 ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز
ﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙ
52:21 ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر
ﮚﮛﮜﮝﮞﮟ
52:22 ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز
ﮠﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨ
52:23 ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ
ﮩﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱ
52:24 گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ
ﯓﯔﯕﯖﯗﯘ
52:25 ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ
ﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠ
52:26 ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق
ﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧ
52:27 اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى
ﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲ
52:28 بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى اﷲ قا ئىبادەت قىلاتتۇق، اﷲ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ﯳﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻ
52:29 (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن
ﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃ
52:30 ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»
ﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊ
52:31 ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚ
52:32 ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر
ﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢ
52:33 ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ
ﭣﭤﭥﭦﭧﭨﭩ
52:34 ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار
ﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
52:35 ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻ
52:36 ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ
ﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃ
52:37 ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟
ﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎ
52:38 ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن
ﮏﮐﮑﮒﮓﮔ
52:39 ياكى اﷲ نىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟
ﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜ
52:40 ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)
ﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
52:41 ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟
ﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪﮫ
52:42 ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە - مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ
ﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗ
52:43 ياكى ئۇلارنىڭ اﷲ تىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) اﷲ پاكتۇر
ﯘﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡ
52:44 ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ
ﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩ
52:45 ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳ
52:46 ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ
ﯴﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾ
52:47 ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ
ﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊ
52:48 پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش (ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ﰋﰌﰍﰎﰏﰐ
52:49 كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers