PDF —
60 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

ذاریات سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

ذاریات سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش ذاریات سۈرىسى تەرجىمە. ذاریات سۈرىسى (Meccan) 60 ئايەت.

→ قذاریات سۈرىسى طور ←


60 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﯤﯥﯦ
51:1 (تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،
ﯧﯨﯩ
51:2 (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى،
ﯪﯫﯬ
51:3 (سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى،
ﯭﯮﯯ
51:4 ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرلارنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر قەسەمكى،
ﯰﯱﯲﯳ
51:5 سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر
ﯴﯵﯶﯷ
51:6 (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر
ﭑﭒﭓﭔ
51:7 يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
ﭕﭖﭗﭘﭙ
51:8 يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
ﭚﭛﭜﭝﭞ
51:9 (اﷲ تائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ
ﭟﭠﭡ
51:10 كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
ﭢﭣﭤﭥﭦﭧ
51:11 كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
ﭨﭩﭪﭫﭬ
51:12 ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
51:13 ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺ
51:14 (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)
ﭻﭼﭽﭾﭿﮀ
51:15 شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ
ﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋ
51:16 ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى
ﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒ
51:17 ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى
ﮓﮔﮕﮖ
51:18 ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى
ﮗﮘﮙﮚﮛﮜ
51:19 ئۇلارنىڭ پۇل - ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)
ﮝﮞﮟﮠﮡ
51:20 زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
ﮢﮣﮤﮥﮦﮧ
51:21 زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
ﮨﮩﮪﮫﮬﮭ
51:22 ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار
ﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖﯗﯘ
51:23 ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر
ﯙﯚﯛﯜﯝﯞﯟ
51:24 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟
ﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦﯧﯨﯩﯪ
51:25 ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى
ﯫﯬﯭﯮﯯﯰﯱ
51:26 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
ﯲﯳﯴﯵﯶﯷ
51:27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
ﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃ
51:28 (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى
ﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌﰍ
51:29 ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى
ﰎﰏﰐﰑﰒﰓﰔﰕﰖﰗ
51:30 ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗ
51:31 ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى
ﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞ
51:32 ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق)
ﭟﭠﭡﭢﭣﭤ
51:33 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
ﭥﭦﭧﭨﭩ
51:34 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
ﭪﭫﭬﭭﭮﭯﭰ
51:35 (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق
ﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸ
51:36 بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق
ﭹﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀ
51:37 ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق
ﮁﮂﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉ
51:38 مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐ
51:39 پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى
ﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘ
51:40 پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر
ﮙﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠ
51:41 ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق
ﮡﮢﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪ
51:42 ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى
ﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔ
51:43 سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق
ﯕﯖﯗﯘﯙﯚﯛﯜﯝ
51:44 ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
ﯞﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥ
51:45 ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى
ﯦﯧﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮﯯ
51:46 ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ﯰﯱﯲﯳﯴﯵ
51:47 ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز
ﯶﯷﯸﯹﯺ
51:48 زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟
ﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂ
51:49 سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق
ﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌ
51:50 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى اﷲ قا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ﰍﰎﰏﰐﰑﰒﰓﰔﰕﰖﰗﰘﰙ
51:51 سىلەر باشقا مەبۇدنى اﷲ قا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝﭞ
51:52 ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى
ﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥﭦ
51:53 ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر
ﭧﭨﭩﭪﭫﭬ
51:54 ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
51:55 ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
51:56 جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁﮂﮃ
51:57 ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن
ﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋ
51:58 اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (اﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر
ﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
51:59 (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن
ﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜﮝ
51:60 كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي!

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers