وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِن بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ ١٥٠
🔤 Transliteration
Wa lammaa raja`a Moosaaa ilaa qawmihee ghadbaana asifan qaala bi`samaa khalaftumoonee mim ba`dee a-`ajiltum amra Rabbikum wa alqal alwaaha wa akhaza biraasi akheehi yajurruhoo ilaih; qaalab na umma innal qawmas tad`afoonee wa kadoo yaqtu loonanee; falaa tushmit biyal a`daaa`a wa laa taj`alnee ma`al qawmiz zaalimeen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار - ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلار نىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
🌐 Additional reference in Türkçe
1) قىسقىچە سۆز ئىزاھاتى: غَضْبَانَ : قاتتىق ئاچچىقلانغان.أَسِفًا : قايغۇرغان، ھەسرەت چەككەن.بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي : مېنىڭ ئورنۇمدا قالدۇرغان ئىشىڭلار نېمىدېگەن يامان!أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ : پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئالدىراپ بۇزۇۋەتتىڭلارمۇ؟الْأَلْوَاحَ : تەۋرات يېزىلغان تاختىلار.يَجُرُّهُ إِلَيْهِ : ئۆزىگە تارتىدۇ.ابْنَ أُمَّ : ئى ئانامنىڭ ئوغلى! (يەنى قېرىندىشىم! )اسْتَضْعَفُونِي : ئۇلار مېنى ئاجىز سانىدى.فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ : دۈشمەنلەرنى مېنىڭ بېشىمغا كۈلدۈرمىگىن.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجات قىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن قەۋمىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بۇزاققا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق ئاچچىقلىنىپ ۋە قايغۇرۇپ كەتتى. ئۇ: «مېنىڭ ئورنۇمدا قالدۇرغان ئىشىڭلار نېمىدېگەن يامان! مەن كەتكەندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىۋەتتىڭلار؟ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئالدىراپ بۇزۇۋەتتىڭلارمۇ؟ مېنى ساقلاپ تۇرماي، بۇزاققا چوقۇنۇشقا ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى.
ئۇ ئاچچىقى ۋە قايغۇسىدىن تەۋرات يېزىلغان تاختىلارنى يەرگە تاشلىۋەتتى، ئاندىن قېرىندىشى ھارۇننىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتىپ كەلدى. ھارۇن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! بۇ قەۋم مېنى ئاجىز سانىدى، ھەتتا مېنى ئۆلتۈرۈشكە تەقىن قالدى. مېنى ئۇرۇپ، دۈشمەنلەرنى خۇشال قىلما، مېنى زالىملار قاتارىدا قىلما!» دېدى.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئالدىراپ خىلاپلىق قىلىش ھەرگىز ياخشى ئەمەس. شۇنداقلا، بىر ئادەم قەۋمىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئاچچىقلانغاندا، ئەقىل-پاراسەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، قېرىنداشلىق ۋە ئىناقلىقنى ساقلاشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا بىزنى ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم قىلىپ، ئالدىراپ خاتالىق قىلىشتىن ساقلىسۇن.
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ غَضۡبَٰنَ أَسِفًا قَالَ بِئۡسَمَا خَلَفۡتُمُونِي مِنۢ بَعۡدِيٓۖ أَعَجِلۡتُمۡ أَمۡرَ رَبِّكُمۡۖ وَأَلۡقَى ٱلۡأَلۡوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأۡسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُۥٓ إِلَيۡهِۚ قَالَ ٱبۡنَ أُمَّ إِنَّ ٱلۡقَوۡمَ ٱسۡتَضۡعَفُونِي وَكَادُواْ يَقۡتُلُونَنِي فَلَا تُشۡمِتۡ بِيَ ٱلۡأَعۡدَآءَ وَلَا تَجۡعَلۡنِي مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ ١٥٠
مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار - ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلار نىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 148-152 — اعراف سۈرىسى
148 وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِن بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى
149 وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِن لَّمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
150 وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِن بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار - ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلار نىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
151 قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
152 إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
شۈبھىسىزكى موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (اﷲ قا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
تەرجىمە — اعراف 150 اعراف سۈرىسى ئايەت 150 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا…
سۈرىسى ئايەت 150/206 — اعراف سۈرىسى الأعراف (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: اعراف سۈرىسى ئاڭلاڭ, اعراف سۈرىسى تەرجىمە, اعراف سۈرىسى mp3, اعراف سۈرىسى pdf. ئايەت 148–152. ئۇيغۇرچە: Türkçe.