PDF —
19 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

انفطار سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

انفطار سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش انفطار سۈرىسى تەرجىمە. انفطار سۈرىسى (Meccan) 19 ئايەت.

→ تکویرانفطار سۈرىسى مطففین ←


19 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭑﭒﭓﭔ
82:1 ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
ﭕﭖﭗﭘ
82:2 يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
ﭙﭚﭛﭜ
82:3 دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
ﭝﭞﭟﭠ
82:4 قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،
ﭡﭢﭣﭤﭥﭦ
82:5 ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
ﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭ
82:6 ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
ﭮﭯﭰﭱﭲ
82:7 ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
82:8 سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
ﭺﭻﭼﭽﭾ
82:9 ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
ﭿﮀﮁﮂ
82:10 ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
ﮃﮄﮅ
82:11 ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
ﮆﮇﮈﮉ
82:12 ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ﮊﮋﮌﮍﮎ
82:13 مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،
ﮏﮐﮑﮒﮓ
82:14 كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
ﮔﮕﮖﮗ
82:15 ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
ﮘﮙﮚﮛﮜ
82:16 ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
ﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
82:17 قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ﮣﮤﮥﮦﮧﮨﮩ
82:18 قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ﮪﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕ
82:19 ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers