شمس سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)
شمس سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش شمس سۈرىسى تەرجىمە. شمس سۈرىسى (Meccan) 15 ئايەت.
Related
- شمس سۈرىسى تەرجىمەئۇيغۇرچە
- شمس سۈرىسى mp3ئاڭلاڭ
- Quran Index ئۇيغۇرچە114
More سۈرىسى PDF
شمس سۈرىسى

ﭜﭝﭞ
91:1
قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،
ﭟﭠﭡﭢ
91:2
قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،
ﭣﭤﭥﭦ
91:3
قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
ﭧﭨﭩﭪ
91:4
قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
ﭫﭬﭭﭮ
91:5
ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
ﭯﭰﭱﭲ
91:6
زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
ﭳﭴﭵﭶ
91:7
روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
ﭷﭸﭹﭺ
91:8
روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
ﭻﭼﭽﭾﭿ
91:9
روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ
ﮀﮁﮂﮃﮄ
91:10
نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
ﮅﮆﮇﮈ
91:11
سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى
ﮉﮊﮋﮌ
91:12
ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى
ﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔ
91:13
ئۇلارغا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «اﷲ نىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى
ﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜ
91:14
ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى
ﮝﮞﮟﮠ
91:15
اﷲ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ
قۇرئان كەرىم
Wednesday, September 9, 2026
Don't forget us in your sincere prayers







