لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ ٢٥٦
🔤 Transliteration
Laaa ikraaha fid deeni qat tabiyanar rushdu minal ghayy; famai yakfur bit Taaghooti wa yu`mim billaahi faqadis tamsaka bil`urwatil wusqaa lan fisaama lahaa; wallaahu Samee`un `Aleem
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: «لَا إِكْرَاهَ»: زورلاش يوق، مەجبۇرلاش يوق. «الرُّشْدُ»: ھىدايەت، توغرا يول، ھەق. «الْغَيِّ»: گۇمراھلىق، ئازغۇنلۇق، باتىل. «الطَّاغُوتِ»: ئاللاھتىن باشقا چوقۇنۇلغان ھەر قانداق نەرسە، شەيتان ۋە باتىل ئىلاھلار. «الْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ»: ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقۇچ، ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسىز باغ. «لَا انفِصَامَ لَهَا»: ئۇ ھەرگىز ئۈزۈلمەيدۇ، بۇزۇلمايدۇ. ئايەتنىڭ تەپسىرى: بۇ ئايەت ئىسلام دىنىنىڭ ئېنىق ۋە روشەن ئىكەنلىكىنى، ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنىڭ ئوچۇق ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دىنغا كىرىشتە زورلاش يوق، چۈنكى ھەقىقەت ئوچۇق-ئاشكارا بولغاچقا، ھېچ كىمنى زورلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەقىللىق ئادەم ئۆزى كۆرۈپ، ئاڭلاپ، ئويلىنىپ ھەقنى تاللىيالايدۇ.
كىمكى ئاللاھتىن باشقا چوقۇنۇلغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك تۇتقۇچقا ياپىشىپتۇ. بۇ تۇتقۇچ ھەرگىز ئۈزۈلمەيدۇ، ئادەمنى قىيامەت كۈنىدىكى نىجاتلىققا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر بىرىگە ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئىسلام دىنى ئەقىل ۋە ئىلمىي دەلىللەرگە ئاساسلانغان، كىشىلەرنى زورلاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھەقىقەتنى كۆرۈشكە، ئويلىنىشقا ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم ئۆز قەلبىنى ئاچسا، ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقۇچقا ياپىشىپ، مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ ٢٥٦
دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 254-258 — بقرہ سۈرىسى
254 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! سودا - سېتىق، دوستلۇق ۋە (اﷲ نىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
255 اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر
256 لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
257 اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ ۗ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
اﷲ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇ، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر. ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
258 أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كىلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
تەرجىمە — بقرہ 256 بقرہ سۈرىسى ئايەت 256 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى…
سۈرىسى ئايەت 256/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 254–258. ئۇيغۇرچە: Türkçe.