يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِن فَضْلِهِ ۚ فَإِن يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَّهُمْ ۖ وَإِن يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِن وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ ٧٤
🔤 Transliteration
Yahlifoona billaahi wa qaaloo wa laqad qaaloo kalimatal kufri wa kafaroo ba`da Islaamihim wa hammoo bimaa lam yanaaloo; wa maa naqamooo illaaa an aghnaa humullaahu wa Rasooluhoo min fadlih; fainy yatooboo yaku khairal lahum wa iny yatawal law yu`az zibhumullaahu `azaaban aleeman fiddunyaa wal Aakhirah; wamaa lahum fil ardi minw waliyyinw wa laa naseer
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشنى پەقەت اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، اﷲ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق سۆزلەر: يَحْلِفُونَ: قەسەم قىلىدۇلار. كَلِمَةَ الْكُفْرِ: كۇفرىلىق سۆزى، يەنى ئىسلامدىن چىقىرىدىغان سۆز. هَمُّوا: قەست قىلدىلار، نىيەت قىلدىلار. مَا لَمْ يَنَالُوا: ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە. نَقَمُوا: ئەيىبلىدىلار، ئىنكار قىلدىلار. يَتَوَلَّوْا: يۈز ئۆرۈسە، ئىماندىن باش تارتسا. ئايەتنىڭ تەپسىرى: مۇناپىقلار يالغان قەسەم ئىچىپ: «بىز پەيغەمبەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا يامان سۆز قىلمىدۇق» دەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچى. چۈنكى ئۇلار راستتىنلا كۇفرىلىق سۆزىنى قىلدى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلام دىنىنى ئەيىبلەپ، كۇفرىلىق سۆزىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇلار ئىسلامنى ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن يەنە كۇفرىغا قايتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيان يەتكۈزۈشكە قەست قىلدى، ئەمما ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.
ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق سەۋەب تېپەلمىدى، پەقەت ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بېيىتتى دەپ ئەيىبلەيدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار غەنىمەت ماللىرى ئارقىلىق باي بولغان ئىدى. ئەگەر ئۇلار مۇناپىقلىقىدىن تەۋبە قىلىپ، ئىمانغا قايتسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇناپىقلىقتا قېلىشتىن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادا خارلىق ۋە ئۆلۈم، ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتى بىلەن قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوست ۋە ياردەمچى يوق.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، مۇناپىقلىق ۋە كۇفرىلىق ئىنساننى ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق ئەھۋالدا تەۋبە قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. تەۋبە قىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول. ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى كەڭ، ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا تەۋبە قىلغان بەندىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىز ئىمان ۋە ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىشىمىز، مۇناپىقلىق ۋە كۇفرىلىقتىن يىراق بولۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان دىن ئۈچۈن شۈكۈر قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى قەدرلىشىمىز لازىم.
يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ مَا قَالُواْ وَلَقَدۡ قَالُواْ كَلِمَةَ ٱلۡكُفۡرِ وَكَفَرُواْ بَعۡدَ إِسۡلَٰمِهِمۡ وَهَمُّواْ بِمَا لَمۡ يَنَالُواْۚ وَمَا نَقَمُوٓاْ إِلَّآ أَنۡ أَغۡنَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ مِن فَضۡلِهِۦۚ فَإِن يَتُوبُواْ يَكُ خَيۡرًا لَّهُمۡۖ وَإِن يَتَوَلَّوۡاْ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَا لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ ٧٤
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشنى پەقەت اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، اﷲ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 72-76 — توبہ سۈرىسى
72 وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
اﷲ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) اﷲ نىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر
73 يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
74 يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِن فَضْلِهِ ۚ فَإِن يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَّهُمْ ۖ وَإِن يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِن وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشنى پەقەت اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، اﷲ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
75 ۞ وَمِنْهُم مَّنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِن فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر اﷲ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ اﷲ قا ئەھدە قىلدى
76 فَلَمَّا آتَاهُم مِّن فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوا وَّهُم مُّعْرِضُونَ
اﷲ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى)
تەرجىمە — توبہ 74 توبہ سۈرىسى ئايەت 74 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ،…
سۈرىسى ئايەت 74/129 — توبہ سۈرىسى التوبة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: توبہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, توبہ سۈرىسى تەرجىمە, توبہ سۈرىسى mp3, توبہ سۈرىسى pdf. ئايەت 72–76. ئۇيغۇرچە: Türkçe.