کہف · 20/110
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — کہف سۈرىسى
إِنَّهُمْ إِن يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَن تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا ۝٢٠
Innahum iny yazharoo `alaikum yarjumookum aw yu`eedookum fee millatihim wa lan tuflihooo izan abadaa
📖 ئۇيغۇرچە
ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

  1. ئايەتتىكى ئاساسلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
  • يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ: ئۈستۈڭلاردىن چىقىپ، سىلەرنىڭ ئورنىڭلارنى بىلىپ قالسا ۋە سىلەرگە غالىب كەلسە.
  • يَرْجُمُوكُمْ: سىلەرنى تاش بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرسە.
  • يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ: سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق دىنىغا قايتۇرۇۋەتسە.
  • تُفْلِحُوا: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نىجات تاپسىلەر.
  • أَبَدًا: ھەرگىز، مەڭگۈ.
  1. ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرنىڭ قەۋمىڭلار سىلەرنىڭ يوشۇرۇنغان ئورنىڭلارنى بىلىپ قالسا ۋە سىلەرگە ئۈستۈنلۈك قازانسا، ئۇلار سىلەرگە رەھىمسىزلىك قىلىدۇ: ياكى سىلەرنى تاش بىلەن ئېتىپ قەتتىل قىلىدۇ، ياكى سىلەرنى زورلۇق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق دىنىغا قايتۇرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ دىنىغا قايتساڭلار، ئۇنداقتا ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىلەر — نە دۇنيادا، نە ئاخىرەتتە. بەلكى ھەر ئىككى دۇنيادا زىيان تارتىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە ھىدايەت قىلغان ھەق دىنىنى تاشلاپ، بۇزۇق دىنغا قايتىش — ئەڭ چوڭ زىيان ۋە ھەقىقىي مەغلۇبىيەتتۇر.

ئەي مۇسۇلمانلار! بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئىمان ۋە ھىدايەت ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ نېمىتىدۇر. بىز ئۇنى ھەر قانداق قىيىنچىلىق، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتى ئاستىدا بولسىمۇ قوغداشىمىز كېرەك. دۇنيايى تەھدىتلەر، زوراۋانلىقلار ۋە بېسىملار بىزنى ھەق دىنىمىزدىن قايتۇرالمايدۇ. ئەگەر بىز ئىمانىمىزنى قوغداپ، ئاللاھنىڭ يولىدا چىداملىق بولساق، ئاخىرەتتە ئەبەدىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىدىن ئايرىۋەتمەسۇن ۋە ئىمانىمىزنى قىيامەتكىچە مۇستەھكەم قىلسۇن!



📜 ئايەت 18-22 — کہف سۈرىسى

18وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُم بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
(مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ
19وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءَلُوا بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَابْعَثُوا أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمْ هَٰذِهِ إِلَى الْمَدِينَةِ فَلْيَنظُرْ أَيُّهَا أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُم بِرِزْقٍ مِّنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز - ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئويقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن
20إِنَّهُمْ إِن يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَن تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا
ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»
21وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوا أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ السَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَا إِذْ يَتَنَازَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا ابْنُوا عَلَيْهِم بُنْيَانًا ۖ رَّبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِم مَّسْجِدًا
ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە اﷲ نىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك - شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئەسھابۇلكەھف قەبزى روھ قىلىنغاندىن كېيىن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى، اﷲ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى
22سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَّابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُل رَّبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِم مَّا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِم مِّنْهُمْ أَحَدًا
ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن
کہفقۇرئان تىزىملىكى
110ئايەت
MeccanRevelation
20ئايەت

تەرجىمە — کہف 20

کہف سۈرىسى ئايەت 20 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ،…

سۈرىسى ئايەت 20/110 — کہف سۈرىسى الكهف (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: کہف سۈرىسى ئاڭلاڭ, کہف سۈرىسى تەرجىمە, کہف سۈرىسى mp3, کہف سۈرىسى pdf. ئايەت 18–22. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers