يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ إِن شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ ٢٨
🔤 Transliteration
Yaaa aiyuhal lazeena aamanooo innamal mushrikoona najasun falaa yaqrabul Masjidal Haraama ba`da `aamihim haaza; wa in khiftum `ailatan fasawfa yughnee kumul laahu min fadliheee in shaaa`; innallaaha `Aleemun hakeem
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (اﷲ نى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، اﷲ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر: الْمُشْرِكُونَ: مۇشرىكلار، يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەر. نَجَسٌ: ناپاك، مەنىۋى جەھەتتىن ناپاك، يەنى كۇفرى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت بولغان مەنىۋى ناپاكلىق. الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ: مەسجىدى ھەرام، يەنى كەبە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەرەم رايونى. عَيْلَةً: نامراتلىق، يوقسۇللۇق، كىرىم-چىقىمنىڭ تارتىشىپ قېلىشى. يُغْنِيكُمُ: سىلەرنى باي قىلىدۇ، سىلەرگە يېتەرلىك بېرىدۇ. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! بىلىڭلاركى، مۇشرىكلار مەنىۋى جەھەتتىن ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، زۇلۇم قىلىشى، ئەخلاقسىزلىقى ۋە يامان ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا ئۇلار بۇ يىلدىن، يەنى ھىجرىيەنىڭ توققۇزىنچى يىلىدىن كېيىن مەسجىدى ھەرامغا ۋە ھەرەم رايونىغا يېقىنلاشمىسۇن، ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن بولسىمۇ كىرمىسۇن.
ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەر مۇشرىكلارنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سودا-سېتىقلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن نامراتلىق قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن سىلەرنى باي قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ھالىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، سىلەر ئۈچۈن تەدبىر قىلىشتا ھېكمەتلىك بولغۇچىدۇر. ئاللاھ ۋەدە قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭ تەدبىرى ھېكمەت بىلەن تولغاندۇر.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە قاتتىق بويسۇنۇشى كېرەك. مۇشرىكلارنىڭ مەسجىدى ھەرامغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى ئۇلارنىڭ مەنىۋى ناپاكلىقى سەۋەبىدىندۇر. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلساق، ئاللاھ بىزنى ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە رىزقىمىزنى كاپالەتكە ئالىدۇ. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنىڭ ھېكمىتىگە ئىشەنسەك، ھەرگىز زىيان تارتماسلىقىمىزغا ئىشەنچ قىلالايمىز.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡمُشۡرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقۡرَبُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ بَعۡدَ عَامِهِمۡ هَٰذَاۚ وَإِنۡ خِفۡتُمۡ عَيۡلَةً فَسَوۡفَ يُغۡنِيكُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦٓ إِن شَآءَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ ٢٨
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (اﷲ نى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، اﷲ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 26-30 — توبہ سۈرىسى
26 ثُمَّ أَنزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
ئاندىن پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، اﷲ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ
27 ثُمَّ يَتُوبُ اللَّهُ مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
شۇنىڭدىن كېيىن، اﷲ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
28 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ إِن شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (اﷲ نى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، اﷲ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
29 قَاتِلُوا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الْحَقِّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حَتَّىٰ يُعْطُوا الْجِزْيَةَ عَن يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ
سىلەر ئەھلى كىتابتىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى اﷲ نىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىسانى اﷲ نىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، اﷲ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار
30 وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ۖ ذَٰلِكَ قَوْلُهُم بِأَفْوَاهِهِمْ ۖ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَبْلُ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۚ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
يەھۇدىيلار: «ئۈزەير اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىسا) اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (اﷲ نىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) اﷲ قا يالغان چاپلايدۇ
تەرجىمە — توبہ 28 توبہ سۈرىسى ئايەت 28 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (اﷲ نى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر،…
سۈرىسى ئايەت 28/129 — توبہ سۈرىسى التوبة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: توبہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, توبہ سۈرىسى تەرجىمە, توبہ سۈرىسى mp3, توبہ سۈرىسى pdf. ئايەت 26–30. ئۇيغۇرچە: Türkçe.