كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهَا أُمَمٌ لِّتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ ٣٠
🔤 Transliteration
Kazaalika arsalnaaka feee ummatin qad khalat min qablihaaa umamul litatluwa `alaihimul lazeee awhainaaa ilaika wa hum yakfuroona bir Rahmaaan; qul Huwa Rabbee laaa ilaaha illaa Huwa Rabbee laaa ilaaha illaa Huwa `alaihi tawakkaltu wa ilaihi mataab
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: ﴿أُمَّةٍ﴾: جامائەت، قەۋم، مىللەت. ﴿خَلَتْ﴾: ئۆتۈپ كەتتى، ئالدىنقى ئۆتكەن. ﴿لِّتَتْلُوَا﴾: ئوقۇپ بەرمەكلىكىڭ ئۈچۈن، تىلاۋەت قىلماقلىكىڭ ئۈچۈن. ﴿الرَّحْمَٰنِ﴾: ئاللاھ تەعالانىڭ ئىسمى، رەھمىتى كەڭ بولغان زات. ﴿تَوَكَّلْتُ﴾: تاياندىم، ئىشەنچ قىلدىم، تاپشۇردۇم. ﴿مَتَابِ﴾: تەۋبە قىلىدىغان جايىم، قايتىدىغان جايىم. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنىمۇ ئۆزىڭنىڭ ئۈممىتىڭگە ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بىز سېنى ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى، ھەقىقەتلەرنى ۋە توغرا يولنى يەتكۈزىسەن.
ئەمما ئۇلار، يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شېرىك قىلىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تەعالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد يوق. پەقەت ئۇلا ئىبادەتكە لايىق زاتتۇر. مەن بارلىق ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا تاياندىم ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلدىم. گۇناھلىرىمدىن تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭغا قايتىمەن. ئاللاھ تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىمدۇر.
ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەعالا ھەر دەۋردە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى ھەقىقەت يولىغا باشلىغان. قۇرئان كەرىم ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇكەممەل كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، ئوقۇش ۋە ئاڭلاش بىزنىڭ بەختىمىزنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاللاھ تەعالانىڭ رەھمىتى چەكسىز، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش بىزنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىمىزنىڭ يولىدۇر. كېلىڭلار، قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن قەلبلىرىمىزنى يورۇتايلى، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەيلى.
كَذَٰلِكَ أَرۡسَلۡنَٰكَ فِيٓ أُمَّةٍ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهَآ أُمَمٌ لِّتَتۡلُوَاْ عَلَيۡهِمُ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَهُمۡ يَكۡفُرُونَ بِٱلرَّحۡمَٰنِۚ قُلۡ هُوَ رَبِّي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ مَتَابِ ٣٠
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 28-32 — رعد سۈرىسى
28 الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكْرِ اللَّهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ
(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ
29 الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ طُوبَىٰ لَهُمْ وَحُسْنُ مَآبٍ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ
30 كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهَا أُمَمٌ لِّتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
31 وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَل لِّلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَن لَّوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِّن دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇبادا بىرەر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر اﷲ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (مەككە پەتھى قىلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) اﷲ نىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، اﷲ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ
32 وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟
تەرجىمە — رعد 30 رعد سۈرىسى ئايەت 30 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ…
سۈرىسى ئايەت 30/43 — رعد سۈرىسى الرعد (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: رعد سۈرىسى ئاڭلاڭ, رعد سۈرىسى تەرجىمە, رعد سۈرىسى mp3, رعد سۈرىسى pdf. ئايەت 28–32. ئۇيغۇرچە: Türkçe.