ابراہیم · 22/52
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — ابراہیم سۈرىسى
وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ إِلَّا أَن دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنفُسَكُم ۖ مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنتُم بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ ۝٢٢
Wa qaalash Shaitaanu lammaa qudiyal amru innal laaha wa`adakum wa`dal haqqi wa wa`attukum faakhlaftukum wa maa kaana liya `alaikum min sultaanin illaaa an da`awtukum fastajabtum lee falaa taloomoonee wa loomooo anfusakum maaa ana bimusrikhikum wa maaa antum bimusrikhiyya innee kafartu bimaaa ashraktumooni min qabl; innaz zaalimeena lahum azaabun aleem
📖 ئۇيغۇرچە
ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

  1. ئايتەدىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر:
  • قۇضىَ الأمرُ: ئىش پۈتتى، ھېساب-كىتاب ئاخىرلاشتى، ئەھلى جەننەت جەننەتكە، ئەھلى دوزاخ دوزاخقا كىردى.
  • مُصرِخ: مەدەت بېرەر، ياردەم قىلغۇچى، قۇتقۇزغۇچى.
  • كفرتُ: ئىنكار قىلدىم، ئېتىراپ قىلمىدىم.
  • أشركتمون: مېنى شېرىك قىلدىڭلار، يەنى مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلدىڭلار.
  1. ئايتەنىڭ تەپسىرى:

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە شەيتاننىڭ ئاخىرەتتە، ھېساب-كىتاب ئاخىرلىشىپ، ئەھلى جەننەت جەننەتكە، ئەھلى دوزاخ دوزاخقا كىرگەن چاغدا ئۆزىگە ئەگەشكەن كاپىرلارغا قىلغان سۆزىنى بايان قىلىدۇ. شەيتان ئۇلارغا: ئاللاھ سىلەرگە قىيامەت، ھېساب، جەننەت ۋە دوزاخ ھەققىدە ھەق ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى. مەن سىلەرگە قىيامەت يوق، ھېساب يوق دەپ يالغان ۋەدە بەرگەن ئىدىم، ئەمما ۋەدەمدە تۇرالمىدىم، سىلەرنى ئالدىم. مېنىڭ سىلەرگە زورلاش، مەجبۇرلاش ھوقۇقۇم يوق ئىدى، پەقەت سىلەرنى كۇفرى ۋە گۇمراھلىققا چاقىردىم، سىلەر ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن مېنىڭ چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشتىڭلار. شۇڭا مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلاڭلار، چۈنكى گۇناھ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردا. مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ مېنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايسىلەر. مەن دۇنيادا سىلەر مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلدىم، ئەمدى سىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق. ھەقىقەتەن زالىملار، يەنى كۇفرى ۋە شېرىك بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار.

بۇ ئايەتتىن ئىبرەت ئېلىش كېرەككى، شەيتان پەقەت چاقىرىدۇ، زورلىمايدۇ. ئىنسان ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. شۇڭا ئاخىرەتتە ھەر كىشى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ، شەيتاننى ئەمەس. ئاللاھنىڭ ھەق ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، شەيتاننىڭ يالغان ۋەدىسىگە ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئاللاھ بىزنى ھەق يولىدا مۇستەھكەم قىلسۇن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ساقلىسۇن. ئامىن.



📜 ئايەت 20-24 — ابراہیم سۈرىسى

20وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
بۇ اﷲ قا قىيىن ئەمەس
21وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِن شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، اﷲ قا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان اﷲ نىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «اﷲ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەربىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
22وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ إِلَّا أَن دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنفُسَكُم ۖ مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنتُم بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ
23وَأُدْخِلَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ ۖ تَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ) سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، دەپ سالام بېرىدۇ
24أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِي السَّمَاءِ
اﷲ نىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ. كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان
ابراہیمقۇرئان تىزىملىكى
52ئايەت
MeccanRevelation
22ئايەت

تەرجىمە — ابراہیم 22

ابراہیم سۈرىسى ئايەت 22 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)،…

سۈرىسى ئايەت 22/52 — ابراہیم سۈرىسى إبراهيم (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: ابراہیم سۈرىسى ئاڭلاڭ, ابراہیم سۈرىسى تەرجىمە, ابراہیم سۈرىسى mp3, ابراہیم سۈرىسى pdf. ئايەت 20–24. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers