فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِن بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَن يَتَرَاجَعَا إِن ظَنَّا أَن يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ ٢٣٠
🔤 Transliteration
Fa in tallaqahaa falaa tahillu lahoo mim ba`du hattaa tankiha zawjan ghairah; fa in tallaqahaa falaa junaaha `alaihimaaa ai yataraaja`aaa in zannaaa ai yuqeemaa hudoodal laa; wa tilka hudoodul laahi yubaiyinuhaa liqawminy ya`lamoon
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا. بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، اﷲ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر: «طَلَّقَهَا»: ئۇنى تالاق قىلدى، يەنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلدى. «تَنكِحَ»: نىكاھلانسۇن، بۇ يەردە ھەقىقىي نىكاھنى كۆرسىتىدۇ. «زَوْجًا غَيْرَهُ»: ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئەر. «جُنَاحَ»: گۇناھ، ئەيىب. «يَتَرَاجَعَا»: ئىككىسى قايتا بىر-بىرىگە قايتسۇن. «حُدُودَ اللَّهِ»: ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن چەكلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرى. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ئەمدى ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئايال باشقا بىر ئەرگە ھەقىقىي نىكاھلىنىپ، شۇ ئەر بىلەن ھەقىقىي ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە بولمىغۇچە، بىرىنچى ئەرگە قايتالمايدۇ. بۇ يەردە نىكاھ دېگەن ھەقىقىي نىكاھ بولۇشى كېرەك، پەقەت ئالداش ياكى ھالال قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان نىكاھ ئەمەس.
ئەگەر ئىككىنچى ئەر ئۇنى تالاق قىلسا ياكى ۋاپات بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىرىنچى ئەر بىلەن يېڭى نىكاھ ۋە يېڭى مەھر بىلەن قايتا بىرلىشىشىدە ھېچقانداق گۇناھ يوق. بۇ شەرت بىلەنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى ئادا قىلالايدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلسا. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەرگە بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ھۆكۈملەردىن پايدىلىنىدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى ناھايىتى ئەقىللىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن تەرتىپكە سالغان. تالاق مەسىلىسىدە چەكلىمىلەرنى بەلگىلەپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىغان. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ بىلىدىغان كىشىلەرگە بۇ ھۆكۈملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بىز ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈملىرىنى چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ بىزنى ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن.
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوۡجًا غَيۡرَهُۥۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۗ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوۡمٍ يَعۡلَمُونَ ٢٣٠
ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا. بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، اﷲ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 228-232 — بقرہ سۈرىسى
228 وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى اﷲ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. اﷲ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
229 الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَن يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، اﷲ بەلگىلىگەن ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر - ئايال) نىڭ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر - خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر
230 فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِن بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَن يَتَرَاجَعَا إِن ظَنَّا أَن يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا. بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، اﷲ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ
231 وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِّتَعْتَدُوا ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمىتىنى (يەنى كىتابدىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
232 وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُم بِالْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِ مَن كَانَ مِنكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز - نەسىھەت ئېلىش، اﷲ نىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
تەرجىمە — بقرہ 230 بقرہ سۈرىسى ئايەت 230 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن)…
سۈرىسى ئايەت 230/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 228–232. ئۇيغۇرچە: Türkçe.