محمد · 30/38
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — محمد سۈرىسى
وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُم بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ ۝٣٠
Wa law nashaaa`u la-arainaakahum fala `araftahum bi seemaahum; wa lata`rifan nahum fee lahnil qawl; wallaahu ya`lamu a`maalakum
📖 ئۇيغۇرچە
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

  1. مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك سۆزلەر:
  • «سِيمَاهُمْ»: ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى، بەلگىلىرى.
  • «لَحْنِ الْقَوْلِ»: سۆزنىڭ ئاھاڭى، سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەنىسى، سۆزلەش ئۇسۇلى.
  1. ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر بىز خالىساق، ئۇ مۇناپىقلارنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياتتىك، شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنى ئالامەتلىرىدىن تونۇپ قالاتتىڭ. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئىشىنى سىرلىق قالدۇرۇپ، سىناش ۋە ھېكمەت ئۈچۈن ئاشكارىلىماي تۇرۇۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇلارنى سۆزلىشىش ئۇسۇلىدىن، سۆزلىرىنىڭ ئاھاڭىدىن ۋە ئىچىگە يوشۇرغان مەنىسىدىن تونۇيالايسەن. ئۇلار سېنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى يامان كۆرۈپ، ئىچىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزسە، سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇنى بىلدۈرۈپ قالىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىكى ئىشارەتلەردىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تونۇپ قالىسەن.

ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن قالمايدۇ. ئىخلاس بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنىمۇ، مۇناپىقلىق بىلەن قىلغان يامان ئەمەللىرىڭلارنىمۇ ئۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ھەر بىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىڭلارغا قاراپ ھېساب بېرىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە سىدىقىي قەلب بىلەن ئىمان ئېيتىڭلار، ئىچىڭلار بىلەن تېشىڭلارنى بىر قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى قاپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.



📜 ئايەت 28-32 — محمد سۈرىسى

28ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ نى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، اﷲ نىڭ رازىلىقىنى (يەنى اﷲ نى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى
29أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) اﷲ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
30وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُم بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
31وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر
32إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَن يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ)
محمدقۇرئان تىزىملىكى
38ئايەت
MedinanRevelation
30ئايەت

تەرجىمە — محمد 30

محمد سۈرىسى ئايەت 30 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن…

سۈرىسى ئايەت 30/38 — محمد سۈرىسى محمد (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: محمد سۈرىسى ئاڭلاڭ, محمد سۈرىسى تەرجىمە, محمد سۈرىسى mp3, محمد سۈرىسى pdf. ئايەت 28–32. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers