حدید · 11/29
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — حدید سۈرىسى
مَّن ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ ۝١١
man zal lazee yuqridul laaha qardan hasanan fa yudaa`ifahoo lahoo wa lahooo ajrun kareem
📖 ئۇيغۇرچە
كىمكى اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ

🎧 ئاڭلاڭ


📜 ئايەت 9-13 — حدید سۈرىسى

9هُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبْدِهِ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ لِّيُخْرِجَكُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ بِكُمْ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
سىلەرنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، اﷲ بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى، اﷲ شەك - شۈبھىسىز سىلەرگە مەرھەمەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
10وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِي مِنكُم مَّنْ أَنفَقَ مِن قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِّنَ الَّذِينَ أَنفَقُوا مِن بَعْدُ وَقَاتَلُوا ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
نېمىشقا سىلەر اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى اﷲ قا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل - مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار (مەككە پەتھى قىلنغاندىن كېيىن پۇل - مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر - بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە اﷲ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
11مَّن ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ
كىمكى اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ
12يَوْمَ تَرَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ يَسْعَىٰ نُورُهُم بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِم بُشْرَاكُمُ الْيَوْمَ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئۇ كۈندە مۆمىن ئەرلەرنى، مۆمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ)
13يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِن نُّورِكُمْ قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُم بِسُورٍ لَّهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِن قِبَلِهِ الْعَذَابُ
ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ
حدیدقۇرئان تىزىملىكى
29ئايەت
MedinanRevelation
11ئايەت

تەرجىمە — حدید 11

حدید سۈرىسى ئايەت 11 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : كىمكى اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى…

سۈرىسى ئايەت 11/29 — حدید سۈرىسى الحديد (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: حدید سۈرىسى ئاڭلاڭ, حدید سۈرىسى تەرجىمە, حدید سۈرىسى mp3, حدید سۈرىسى pdf. ئايەت 9–13. ئۇيغۇرچە: Türkçe.




قۇرئان كەرىم


Monday, September 7, 2026

Don't forget us in your sincere prayers