لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِندَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ ١٩٨
🔤 Transliteration
Laisa `alaikum junaahun an tabtaghoo fad lam mir rabbikum; fa izaaa afadtum min `Arafaatin fazkurul laaha `indal-Mash`aril Haraami waz kuroohu kamaa hadaakum wa in kuntum min qablihee laminad daaaleen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار، اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى: جُنَاحٌ : گۇناھ، ئەيىب، زىيان.تَبْتَغُوا : ئىزدەيسىلەر، كۆزلىسىلەر.فَضْلًا : ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى، رىزىق، پايدا.أَفَضْتُم : ئاقتىڭلار، يۆتكەلدىڭلار، قايتتىڭلار.عَرَفَاتٍ : ئەرەفات — زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ھاجىلار توختايدىغان مۇقەددەس جاي.الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ : مۇزدەلىفە — ئەرەفاتتىن كېيىن ھاجىلار توختايدىغان مۇقەددەس جاي.الضَّالِّينَ : ئازغۇنلار، ھەقىقەتنى بىلمەيدىغانلار.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۇئمىنلەر! ھەج قىلىش جەريانىدا سودا-سېتىق ياكى باشقا ھالال يوللار بىلەن ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنى ئىزدەپ رىزىق تېپىشىڭلاردا ھېچقانداق گۇناھ ۋە ئەيىب يوق. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئاسانلىقىدۇر.
ئەرەفاتتا ۋاقىت قىلىپ، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا — يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىن مۇزدەلىفەگە قاراپ يۆتكەلگەندە — مۇزدەلىفىدىكى مۇقەددەس جايدا ئاللاھنى كۆپ ئەسكەرتىڭلار: تەسبىھ ئېيتىڭلار، تەھلىل ئېيتىڭلار، تەلبىيە ئوقۇڭلار ۋە دۇئا قىلىڭلار.
ئاللاھنى ئۇنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغاندەك ئەسكەرتىڭلار. شۈبھىسىزكى، سىلەر بۇ ھىدايەتتىن ئىلگىرى ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلدى، ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە ئىبادەت يوللىرىنى ئۆگەتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ زىكرىنى كۆپ قىلىڭلار.
3) بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلىق ئەقىدىلەر ۋە ئىبرەتلەر: ئىسلام دىنى ئاسانلىق دىنىدۇر : ھەج جەريانىدا ھالال يول بىلەن رىزىق تېپىشقا رۇخسەت بېرىلگەن، بۇ ئىسلامنىڭ قۇلايلىقىنى ۋە ئىنسانلارغا بولغان مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئاللاھنى ئەسكەرتىش ئىبادەتنىڭ روھىدۇر : ئەرەفات ۋە مۇزدەلىفە قاتارلىق مۇقەددەس جايلاردا ئاللاھنى كۆپ ئەسكەرتىش، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىدۇر : ئىلگىرى ئازغۇن بولغان ئىنسانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان، بۇ ئۇنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ھەر مۇسۇلمان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھىدايىتىنى قەدىرلىشى كېرەك.ئىسلام ئىنساننى نادانلىقتىن بىلىمگە، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە يېتەكلەيدۇ : بۇ ئايەت ئىسلامنىڭ ئىنسانلارنى ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق يولىغا باشلايدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بىزنى بۇ نېمەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.
لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَبۡتَغُواْ فَضۡلًا مِّن رَّبِّكُمۡۚ فَإِذَآ أَفَضۡتُم مِّنۡ عَرَفَٰتٍ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ عِندَ ٱلۡمَشۡعَرِ ٱلۡحَرَامِۖ وَٱذۡكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمۡ وَإِن كُنتُم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ ١٩٨
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار، اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 196-200 — بقرہ سۈرىسى
196 وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِّن رَّأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ھەج بىلەن ئۆمرەنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
197 الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ
ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
198 لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِندَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار، اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)
199 ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
200 فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، اﷲ نى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
تەرجىمە — بقرہ 198 بقرہ سۈرىسى ئايەت 198 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ…
سۈرىسى ئايەت 198/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 196–200. ئۇيغۇرچە: Türkçe.