بقرہ · 258/286
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — بقرہ سۈرىسى
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ ۝٢٥٨
Alam tara ilal lazee Haaajja Ibraaheema fee Rabbiheee an aataahullaahul mulka iz qaala Ibraaheemu Rabbiyal lazee yuhyee wa yumeetu qaala ana uhyee wa yumeetu qaala ana uhyee wa umeetu qaala Ibraaheemu fa innal laaha yaatee bishshamsi minal mashriqi faati bihaa minal maghribi fabuhital lazee kafar; wallaahu laa yahdil qawmaz zaalimeen
📖 ئۇيغۇرچە
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كىلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر:

  • حَاجَّ: جىدەللەشتى، مۇنازىرە قىلدى، خۇسۇمەت قىلدى.
  • آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ: ئاللاھ ئۇنىغا پادىشاھلىقنى بەردى.
  • بُهِتَ: ھەيران قالدى، تەڭتۇش بولۇپ قالدى، ئىسپاتلىيالماي قالدى.
  • الظَّالِمِينَ: زالىملار، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار.

2) ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى ھەققىدە جىدەللەشكەن ئادەمنىڭ ھەيران قالارلىق ھالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئادەم ئاللاھ تەرىپىدىن پادىشاھلىق بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ھەقتىن يۈز ئۆرۈدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھايات بېرىدۇ ۋە ئۆلۈم بېرىدۇ» دېگەندە، ئۇ: «مەنمۇ ھايات بېرىمەن ۋە ئۆلۈم بېرىمەن» دەپ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر ئادەمنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. ئاندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كۈچلۈك دەلىل كەلتۈرۈپ: «ئاللاھ قۇياشنى شەرق تەرەپتىن چىقىرىدۇ، ئەگەر سەن راستچىل بولساڭ، قۇياشنى غەرب تەرەپتىن چىقارغىن» دېدى. شۇ ۋاقىتتا كاپىر بولغان ئۇ ئادەم ھەيران قېلىپ، ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەق يولىغا يېتەكلىمەيدۇ.

بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ھەقىقەت ئالدىدا تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە جىدەللىشىش ئادەمنى ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىز ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرنى ھەرگىز يولدىن قالدۇرمايدۇ. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنسەك، ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساق، ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرساق، ئاللاھ بىزنى ھەر ئىككى دۇنيادا ئۇتۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.



📜 ئايەت 256-260 — بقرہ سۈرىسى

256لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
257اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ ۗ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
اﷲ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇ، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر. ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
258أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كىلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
259أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَانظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «اﷲ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. اﷲ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. اﷲ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى
260وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِن ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِّنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِّنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. اﷲ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
بقرہقۇرئان تىزىملىكى
286ئايەت
MedinanRevelation
258ئايەت

تەرجىمە — بقرہ 258

بقرہ سۈرىسى ئايەت 258 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى…

سۈرىسى ئايەت 258/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 256–260. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers