ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَن تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ١٠٨
🔤 Transliteration
Zaalika adnaaa ai yaatoo bishshahaadati `alaa wajhihaaa aw yakhaafooo an turadda aimaanum ba`da aimaanihim; wattaqul laaha wasma`oo; wallaahu laa yahdil qawmal faasiqeen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
1) مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك سۆزلەر: ذَٰلِكَ : بۇ، ئاشۇ (يەنى ئىلگىرىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھۆكۈم ).أَدْنَىٰ : ئەڭ يېقىن، ئەڭ مۇناسىپ، ئەڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى.عَلَىٰ وَجْهِهَا : ئەسلىي ھالىتى بويىچە، تۈز، بۇرمىلىماستىن، خىيانەت قىلماستىن.تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ : ئۇلارنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن (زىيانكەشلەر تەرەپنىڭ ) قەسەملىرى رەت قىلىنىشى، يەنى ئۇلارنىڭ قەسىمى ئىنكار قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ قەسىمى قوبۇل قىلىنىشى.وَاتَّقُوا اللَّهَ : ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تەقۋا قىلىڭلار.وَاسْمَعُوا : ئاڭلاڭلار (قوبۇل قىلىش بىلەن ئاڭلاڭلار ).الْفَاسِقِينَ : پاسىقلار، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلار.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: بۇ ئايەت ئىلگىرىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھۆكۈمگە، يەنى سەپەردە ۋەسىيەت قىلىش چېغىدا باشقا گۇۋاھچى تېپىلماي، غەيرى مۇسۇلمانلارنى گۇۋاھچى قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا شەك كەلگەندە ئۇلارنى نامازدىن كېيىن قەسەم قىلدۇرۇش ۋە گۇۋاھلىقىنى رەت قىلىش ھۆكۈمىگە ئىشارە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ھۆكۈمنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھۆكۈم — يەنى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا شەك كەلگەندە ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇش ۋە گۇۋاھلىقىنى رەت قىلىش — ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئەسلىي ھالىتى بويىچە، تۈز ۋە بۇرمىلىماستىن ئېيتىشىغا ئەڭ يېقىن يول، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ ياكى دۇنيادا زىيانكەش تەرەپنىڭ قەسىمى ئۇلارنىڭ قەسىمىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىيانىتى ئاشكارىلىنىپ رەسۋا بولۇشىدىن قورقۇپ، يالغان قەسەم ئىچمەسلىكىگە ئەڭ يېقىن يول. بۇ ئارقىلىق گۇۋاھچىلار ھەقىقەتنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە خىيانەت قىلمايدۇ.
ئاندىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا مۇنداق ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ: ئى ئىنسانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇڭلار، چەكلىمىلىرىدىن يېنىڭلار. يالغان قەسەم ئىچىپ باشقىلارنىڭ ھارام ماللىرىنى ئېلىۋالماڭلار. سىلەرگە قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئاڭلاڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ئۆز ئىتائىتىدىن چىققان، ئاسىيلىق قىلغان قەۋمنى ھەرگىز توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ.
3) بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: ئىسلام دىنى گۇۋاھلىق ۋە قەسەمگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى بۇلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىدۇ ۋە جەمئىيەتتە ئادالەت ئورنىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئەڭ دانا ھۆكۈملەرنى بەلگىلىگەن. تەقۋا ۋە ئاللاھتىن قورقۇش ئىنساننى ھەر قانداق يالغانچىلىق، خىيانەت ۋە ھارامدىن ساقلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك توسالغۇدۇر. ئاللاھ تائالا ئىتائىتىدىن چىققان، ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ، شۇڭا ھەر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ھىدايىتىنى ئىزدەشى كېرەك. بۇ ئايەت مۇسۇلمانلارنى ھەقىقەتنى ئېيتىشقا، گۇۋاھلىقتا ئادالەتلىك بولۇشقا ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھتىن قورقۇشقا تەرغىب قىلىدۇ.
ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِٱلشَّهَٰدَةِ عَلَىٰ وَجۡهِهَآ أَوۡ يَخَافُوٓاْ أَن تُرَدَّ أَيۡمَٰنُۢ بَعۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡمَعُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ ١٠٨
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 106-110 — مائدہ سۈرىسى
106 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا شَهَادَةُ بَيْنِكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ حِينَ الْوَصِيَّةِ اثْنَانِ ذَوَا عَدْلٍ مِّنكُمْ أَوْ آخَرَانِ مِنْ غَيْرِكُمْ إِنْ أَنتُمْ ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَأَصَابَتْكُم مُّصِيبَةُ الْمَوْتِ ۚ تَحْبِسُونَهُمَا مِن بَعْدِ الصَّلَاةِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ إِنِ ارْتَبْتُمْ لَا نَشْتَرِي بِهِ ثَمَنًا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۙ وَلَا نَكْتُمُ شَهَادَةَ اللَّهِ إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الْآثِمِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) غەيرىي دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرمىز، بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلادىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
107 فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِن شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
108 ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَن تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
109 ۞ يَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا ۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
اﷲ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ
110 إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنكَ إِذْ جِئْتَهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ - دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى
تەرجىمە — مائدہ 108 مائدہ سۈرىسى ئايەت 108 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت…
سۈرىسى ئايەت 108/120 — مائدہ سۈرىسى المائدة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: مائدہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, مائدہ سۈرىسى تەرجىمە, مائدہ سۈرىسى mp3, مائدہ سۈرىسى pdf. ئايەت 106–110. ئۇيغۇرچە: Türkçe.