لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ ٦٦
🔤 Transliteration
Laa ta`taziroo qad kafartum ba`da eemaanikum; in na`fu `an taaa`ifatim minkum nu`az zib taaa`ifatam bi annahum kaanoo mujrimeen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز
🌐 Additional reference in Türkçe
1) لۇغەتتىكى ئىزاھات: لَا تَعْتَذِرُوا: ئەپۇ سورىماڭلار، باھانە كەلتۈرمەڭلار.طَائِفَةٍ: بىر گۇرۇھ، بىر جامائە.مُجْرِمِينَ: گۇناھكارلار، جىنايەتچىلەر — بۇ يەردە مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۇناپىقلار! ئەمدى باھانە-ئەپۇ كەلتۈرۈپ بىھۇدە ئاۋارە بولماڭلار. چۈنكى سىلەر ئىمان ئىكرارىڭلارنى ئىپادىلىگەندىن كېيىنمۇ، مەسخىرە قىلىش ۋە ئىستىھزا قىلىش ئارقىلىق كۇفرىلىقىڭلارنى ئاشكارىلاپ قويدۇڭلار. ئەمدى قىلغان ئەپۇ-باھانىلىرىڭلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىر گۇرۇھ كىشى نىفاقتىن ۋاز كېچىپ، چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن يۆلەنسە، ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا رەھمەت قىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر گۇرۇھ كىشى نىفاقتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋبە قىلمىسا، ئۇلار قىلغان جىنايىتى ۋە گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئىمان تىل بىلەنلا ئېيتىلىدىغان بىر سۆز ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن چىقىپ، ئەمەل-ئىبادەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئىسپاتلىنىدىغان بىر ھالەتتۇر. كىمكى چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۆلەنسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا يېقىن. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىمدىلدۇر. بىز ھەممىمىز ئاللاھقا سەمىمىي يۆلەنىپ، نىفاق ۋە رىيادىن يىراق بولۇپ، چىن ئىمان ۋە ئىخلاس بىلەن ياشاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
لَا تَعۡتَذِرُواْ قَدۡ كَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡۚ إِن نَّعۡفُ عَن طَآئِفَةٍ مِّنكُمۡ نُعَذِّبۡ طَآئِفَةَۢ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ ٦٦
سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 64-68 — توبہ سۈرىسى
64 يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَّا تَحْذَرُونَ
مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (اﷲ نىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) اﷲ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»
65 وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن
66 لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز
67 الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُم مِّن بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمُنكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ ۚ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ ۗ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار اﷲ نى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ نىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، اﷲ مۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر
68 وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ هِيَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّقِيمٌ
اﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ
تەرجىمە — توبہ 66 توبہ سۈرىسى ئايەت 66 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن،…
سۈرىسى ئايەت 66/129 — توبہ سۈرىسى التوبة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: توبہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, توبہ سۈرىسى تەرجىمە, توبہ سۈرىسى mp3, توبہ سۈرىسى pdf. ئايەت 64–68. ئۇيغۇرچە: Türkçe.