مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا ٤٦
🔤 Transliteration
Minal lazeena haadoo yuharrifoonal Kalima `am mawaadi`ihee wa yaqooloona sami`naa wa `asainaa wasma` ghaira musma`inw wa raa`inaa laiyam bi alsinatihim wa ta`nan fiddeen; wa law annahum qaaloo sami`naa wa ata`naa wasma` wanzurnaa lakaana khairal lahum wa aqwama wa laakil la ``anahumul laahu bikufrihim falaa yu`minoona illaa qaleela
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى: هَادُوا: يەھۇدىي بولغانلار، يەھۇدىي دىنىغا كىرگەنلەر.يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ: سۆزلەرنى ئۆز ئورنىدىن ئاغدۇرۇپ، مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ يېزىش، يەنى ئاللاھنىڭ كەلامىنى بۇرمىلاش.سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلمىدۇق.وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ: ئاڭلىغىن، ئەمما ئاڭلانمىغىن (بۇ دۇئا قىلىپ، پەيغەمبەرگە يامانلىق تىلەش مەنىسىدە ).رَاعِنَا: بىزنى كۆزەت، بىزنى پەرۋىش قىل (ئەسلىدە ياخشى مەنىدە، ئەمما يەھۇدىيلار بۇنى «ئەخمەق» مەنىسىدە بۇرمىلاپ ئىشلىتىدۇ ).لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ: تىللىرىنى بۇراپ، سۆزلەرنى بۇرمىلاپ سۆزلەش.طَعْنًا فِي الدِّينِ: دىنغا تەنە قىلىش، دىننى ئەيىبلەش.وَانظُرْنَا: بىزگە قاراپ قوي، بىزنى كۈتۈپ تۇر.أَقْوَمَ: تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئادىل.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ بىر گۇرۇھىنىڭ قىلمىشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كەلامنى ئۆز ئورنىدىن ئاغدۇرۇپ، مەنىسىنى بۇرمىلاپ، ئەسلى مەقسەتتىن باشقا مەنىگە بۇراپ يېزىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلمىدۇق» دەيدۇ. يەنە «ئاڭلىغىن، ئەمما ئاڭلانمىغىن» دەپ، پەيغەمبەرگە يامانلىق تىلەيدۇ. «رَاعِنَا» دېگەن سۆزنى ئېيتقاندا، ئەسلىدە «بىزنى كۆزەت» دېگەن مەنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمەلىيەتتە «ئەخمەق» دېگەن مەنىنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلار تىللىرىنى بۇراپ، سۆزلەرنى بۇرمىلاپ، دىنغا تەنە قىلىدۇ.
ئەگەر ئۇلار «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دەپ، «ئاڭلىغىن» دەپ، «بىزنى كۈتۈپ تۇر» دېگەن بولسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىراق ۋە تېخىمۇ توغرا بولاتتى. لېكىن ئۇلار كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىپ، ئازغىنە كىشىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمىدى.
3) ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھنىڭ كەلامىنى بۇرمىلاش، مەنىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە دىنغا تەنە قىلىش قاتتىق گۇناھتۇر. شۇنداقلا، ئەدەپلىك ۋە ياخشى سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش مۇئمىنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىتائەت قىلغۇچىلارغا رەھمەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. بۇ ئايەت بىزنى ئاللاھنىڭ كەلامىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنى توغرا چۈشىنىشكە ۋە ئەدەپلىك بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر مۇئمىن ئاللاھنىڭ كەلامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئۇنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَيَقُولُونَ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَٱسۡمَعۡ غَيۡرَ مُسۡمَعٍ وَرَٰعِنَا لَيَّۢا بِأَلۡسِنَتِهِمۡ وَطَعۡنًا فِي ٱلدِّينِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَا وَٱسۡمَعۡ وَٱنظُرۡنَا لَكَانَ خَيۡرًا لَّهُمۡ وَأَقۡوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا ٤٦
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 44-48 — نساء سۈرىسى
44 أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِّنَ الْكِتَابِ يَشْتَرُونَ الضَّلَالَةَ وَيُرِيدُونَ أَن تَضِلُّوا السَّبِيلَ
(ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
45 وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِأَعْدَائِكُمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَلِيًّا وَكَفَىٰ بِاللَّهِ نَصِيرًا
اﷲ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. اﷲ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا اﷲ كۇپايىدۇر)
46 مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
47 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَكُم مِّن قَبْلِ أَن نَّطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن)، ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، اﷲ نىڭ ھۆكىمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى اﷲ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)
48 إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ
تەرجىمە — نساء 46 نساء سۈرىسى ئايەت 46 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز…
سۈرىسى ئايەت 46/176 — نساء سۈرىسى النساء (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: نساء سۈرىسى ئاڭلاڭ, نساء سۈرىسى تەرجىمە, نساء سۈرىسى mp3, نساء سۈرىسى pdf. ئايەت 44–48. ئۇيغۇرچە: Türkçe.