کہف · 17/110
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — کہف سۈرىسى
۞ وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَاوَرُ عَن كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِّنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَلَن تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُّرْشِدًا ۝١٧
Wa tarash shamsa izaa tala`at tazaawaru `an kahfihim zaatal yameeni wa izaa gharabat taqriduhum zaatash shimaali wa hum fee fajwatim minh; zaalika min Aayaatillaah; mai yahdil laahu fahuwal muhtad, wa mai yudlil falan tajida lahoo waliyyam murshidaa
📖 ئۇيغۇرچە
كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، اﷲ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتۇر، بۇ اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى اﷲ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) اﷲ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر:

  • تَزَاوَرُ: مېلىپ كېتىدۇ، يىراقلىشىدۇ.
  • تَقْرِضُهُمْ: ئۇلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا يەتمەيدۇ.
  • فَجْوَةٍ: كەڭچىلىك، ئوچۇق جاي.
  • مُّرْشِدًا: توغرا يولغا باشلىغۇچى.

2) ئايەتنىڭ تەپسىرى:

ئۇلار ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىپ، غارغا پاناھلانغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارغا ئۇيقۇ بەردى ۋە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن ساقلىدى. ئەي كۆرۈپ تۇرغۇچى، كۈن چىققاندا ئۇلارنىڭ غارىدىن ئوڭ تەرەپكە مېيىپ كېتىدىغانلىقىنى، كۈن پاتقاندا بولسا سول تەرەپتىن ئۇلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار غارنىڭ ئىچىدىكى كەڭچىلىكتە بولۇپ، كۈن ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ھاۋا ئېقىمىمۇ ئۇلارغا يېتىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر؛ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭغا توغرا يول كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمايسەن. ھىدايەت ۋە ئازدۇرۇش پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدادۇر.

بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا قانداق قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنىڭ ھىدايىتىنى تىلىشى كېرەك. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي نىجات تاپقۇچىدۇر؛ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم يوق. بۇ ئايەت بىزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھىدايىتىگە ئىنتىلىشكە، ھەمدە ئۇنىڭ بىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى سوراشقا تەرغىب قىلىدۇ.



📜 ئايەت 15-19 — کہف سۈرىسى

15هَٰؤُلَاءِ قَوْمُنَا اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً ۖ لَّوْلَا يَأْتُونَ عَلَيْهِم بِسُلْطَانٍ بَيِّنٍ ۖ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
بىزنىڭ قەۋمىمىز اﷲ نى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، اﷲ قا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»
16وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنشُرْ لَكُمْ رَبُّكُم مِّن رَّحْمَتِهِ وَيُهَيِّئْ لَكُم مِّنْ أَمْرِكُم مِّرْفَقًا
(ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ تىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ
17۞ وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَاوَرُ عَن كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِّنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَلَن تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُّرْشِدًا
كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، اﷲ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتۇر، بۇ اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى اﷲ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) اﷲ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن
18وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُم بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
(مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ
19وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءَلُوا بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَابْعَثُوا أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمْ هَٰذِهِ إِلَى الْمَدِينَةِ فَلْيَنظُرْ أَيُّهَا أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُم بِرِزْقٍ مِّنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز - ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئويقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن
کہفقۇرئان تىزىملىكى
110ئايەت
MeccanRevelation
17ئايەت

تەرجىمە — کہف 17

کہف سۈرىسى ئايەت 17 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن…

سۈرىسى ئايەت 17/110 — کہف سۈرىسى الكهف (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: کہف سۈرىسى ئاڭلاڭ, کہف سۈرىسى تەرجىمە, کہف سۈرىسى mp3, کہف سۈرىسى pdf. ئايەت 15–19. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers