۞ لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ ٢٧٢
🔤 Transliteration
Laisa `alaika hudaahum wa laakinnal laaha yahdee mai yashaaa`; wa maa tunfiqoo min khairin fali anfusikum; wa maa tunfiqoona illab tighaaa`a wajhil laah; wa maa tunfiqoo min khairiny yuwaffa ilaikum wa antum laa tuzlamoon
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى: "هُدَاهُمْ": ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىمانغا كېلىشى. "ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ": ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن. "يُوَفَّ إِلَيْكُمْ": سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، يەنى ئەجىر-ساۋابىڭلار كەم قىلىنماي تولۇق بېرىلىدۇ. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! سىز ئۇلارنىڭ ئىمانغا كېلىشىگە مەسئۇل ئەمەسسىز، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈش. ئۇلارنى ھىدايەتكە يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئاچىش پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە يېتەكلەيدۇ. شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ ئىمانغا كەلمەسلىكىدىن ئۈمىدسىزلىككە چۈشمەڭ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشتىن توختاپ قالماڭ.
ئاللاھ يولىدا نېمە ئىنفاق قىلساق، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىمىزگە قايتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھېچ كىشىنىڭ ئىنفاقىغا موھتاج ئەمەس. مۇئمىنلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئىنفاق قىلىدۇ. ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن، ئاللاھ يولىدا قىلغان ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ ئەجىرى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچ كىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ھەر كىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى تولۇق ئالىدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بىز باشقىلارنىڭ ئىمانغا كېلىشىگە مەسئۇل ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇنداقلا، ئاللاھ يولىدا قىلغان ھەر قانداق ياخشىلىقىمىز ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنفاق قىلىشىمىز ۋە ياخشىلىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئايەت بىزنى ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشكە تەرغىب قىلىدۇ.
۞ لَّيۡسَ عَلَيۡكَ هُدَىٰهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٍ فَلِأَنفُسِكُمۡۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ ٱللَّهِۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٍ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ ٢٧٢
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 270-274 — بقرہ سۈرىسى
270 وَمَا أَنفَقْتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُم مِّن نَّذْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُهُ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ
نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار ياكى (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل - مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ
271 إِن تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
272 ۞ لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)
273 لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير - ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر
274 الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير - ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ
تەرجىمە — بقرہ 272 بقرہ سۈرىسى ئايەت 272 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان…
سۈرىسى ئايەت 272/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 270–274. ئۇيغۇرچە: Türkçe.