لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الْأَيْمَانَ ۖ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ ۖ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ۚ ذَٰلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ۚ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ٨٩
🔤 Transliteration
Laa yu`aakhizukumul laahu billaghwi feee aimaanikum wa laakiny ya`aakhizukum bimaa `aqqattumul aimaana fakaf faaratuhooo it`aamu `asharati masaakeena min awsati maa tut`imoona ahleekum aw kiswatuhum aw tahreeru raqabatin famallam yajid fa Siyaamu salaasati aiyaam; zaalika kaffaaratu aimaanikum izaa halaftum; wahfazooo aimaanakum; kazaalika yubaiyinul laahu lakum Aayaatihee la`allakum tashkuroon
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
اﷲ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە - كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
1) مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك سۆزلەر: اللَّغْوُ : بىھۇدە، قەستسىز ئېيتىلغان سۆز. بۇ يەردە قەستسىز قەسەم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.عَقَّدْتُمُ : قەلبىڭلار بىلەن قەست قىلىپ، تىلىڭلار بىلەن مۇئەككەدلەشتۈرگەن قەسەم.تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ : بىر قۇلنى ئازاد قىلىش.أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ : ئۆي-ئەھلىڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇراھال تامىقىڭلار.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرنى قەستسىز قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جازالامىدايدۇ. مەسىلەن، بىرەرسى تىلى ئادەت بولۇپ قالغانلىقتىن «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم» ياكى «ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەندەك سۆزلەرنى قەستسىز ئېيتىپ قويسا، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن قەلبىڭلار بىلەن قەست قىلىپ، ئاتالمىش نەرسە ئۈچۈن مۇئەككەدلەشتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، ئاندىن قەسىمىڭلاردا تۇرالمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزغانلىقنىڭ كەففارىتى ئۈچ خىل بولۇپ، خالىغان بىرىنى تاللاش مۇمكىن:
ئون مىسكىنگە ئۆز ئۆي-ئەھلىڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇراھال تاماقنىڭ ھەر بىرىگە يېرىم ساھ تاماق بېرىش؛ ياكى ئۇلارغا ئادەت بويىچە كىيىم كىيدۈرۈش؛ ياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىش. كىمكى بۇ ئۈچنىڭ ھېچقايسىسىغا قادىر بولمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش كېرەك. بۇ ئەھكاملار قەسەم قىلىپ، ئاندىن قەسىمىدە تۇرالمىغان ۋاقىتتىكى كەففارەتتۇر. ئەي مۇئمىنلەر! قەسەملىرىڭلارنى ساقلاڭلار: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن يالغان قەسەم قىلماڭلار، قەسەمنى كۆپ قىلماڭلار، قەسەم قىلغان بولساڭلار ئۇنى ئادا قىلىڭلار. ئەگەر قەسىمىڭلاردا تۇرۇش خەيرلىك ئىشكە توسالغۇ بولسا، خەيرلىك ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭلارنى بۇزۇڭلار ۋە كەففارەت بېرىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قەسەم ۋە ئۇنىڭ كەففارىتىنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىدەك، ھالال-ھارامنى ئېنىق بايان قىلىدىغان ئايەتلىرىنىمۇ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر — ئۇ سىلەرگە بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.
3) بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قىيىنچىلىققا سولىمايدۇ؛ قەستسىز خاتالىقلار ئۈچۈن جازا بەرمەيدۇ، بەلكى رەھىمدىللىك ۋە ئاسانلىقنى ئاساس قىلىدۇ. قەسەم قىلىش ۋە ئۇنىڭ كەففارىتىگە دائىر ئېنىق ھۆكۈملەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كەففارەت ئۈچۈن مىسكىنلەرگە تاماق بېرىش، كىيىم كىيدۈرۈش ياكى قۇل ئازاد قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ياردەم تۈرلىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە مېھرىبانلىق دىنى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ئايەتلىرىنى ئېنىق بايان قىلىپ، بەندىلىرىنىڭ شۈكرى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئىسلام ۋە قۇرئاننىڭ ئىنسانلارنى ياخشىلىققا، شۈكۈرگە ۋە ھىدايەتكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلۡأَيۡمَٰنَۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطۡعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنۡ أَوۡسَطِ مَا تُطۡعِمُونَ أَهۡلِيكُمۡ أَوۡ كِسۡوَتُهُمۡ أَوۡ تَحۡرِيرُ رَقَبَةٍۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٍۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيۡمَٰنِكُمۡ إِذَا حَلَفۡتُمۡۚ وَٱحۡفَظُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ ٨٩
اﷲ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە - كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 87-91 — مائدہ سۈرىسى
87 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
ئى مۆمىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
88 وَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنتُم بِهِ مُؤْمِنُونَ
اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
89 لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الْأَيْمَانَ ۖ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ ۖ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ۚ ذَٰلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ۚ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
اﷲ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە - كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
90 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار
91 إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَ
شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟
تەرجىمە — مائدہ 89 مائدہ سۈرىسى ئايەت 89 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : اﷲ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار)…
سۈرىسى ئايەت 89/120 — مائدہ سۈرىسى المائدة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: مائدہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, مائدہ سۈرىسى تەرجىمە, مائدہ سۈرىسى mp3, مائدہ سۈرىسى pdf. ئايەت 87–91. ئۇيغۇرچە: Türkçe.