إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ ١٤
🔤 Transliteration
Innal laaha yudkhilul laeena aamanoo wa `amilus saalihaati jannaatin tajree min tahtihal anhaar; innal laaha yaf`alu maa yureed
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: جَنَّاتٍ: باغلار، جەننەتلەر. تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ: ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇرىدىغان. يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ: خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم مەجبۇرلىيالمايدۇ. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئاللاھ تائالا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىنى ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىدىن بېرىلگەن ئۇلۇغ مۇكاپاتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ ئىتائەت قىلغۇچىلارنى پەزلى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئادالەت بىلەن جازالايدۇ. ھېچكىم ئۇنى مەجبۇرلىيالمايدۇ، ئۇ ئىرادىسىدە يەككە-يېگانە ھۆكۈمراندۇر.
ئى مۇئمىن قېرىنداشلار! بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ.
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٍ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ ١٤
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 12-16 — حج سۈرىسى
12 يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنفَعُهُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
ئۇ اﷲ نى قويۇپ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتقا چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر
13 يَدْعُو لَمَن ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِ ۚ لَبِئْسَ الْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ
ئۇ (مۇشرىكلارنىڭ قارىشى بويىچە بۇت قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ دېگەندىمۇ) ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ بۇت) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر
14 إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)
15 مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ
كىمكى اﷲ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى اﷲ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا، چۈنكى اﷲ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ)
16 وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يُرِيدُ
شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش). قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، اﷲ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى اﷲ تىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، اﷲ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
تەرجىمە — حج 14 حج سۈرىسى ئايەت 14 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار…
سۈرىسى ئايەت 14/78 — حج سۈرىسى الحج (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: حج سۈرىسى ئاڭلاڭ, حج سۈرىسى تەرجىمە, حج سۈرىسى mp3, حج سۈرىسى pdf. ئايەت 12–16. ئۇيغۇرچە: Türkçe.