PDF —
182 ئايەت Meccan PDF
Built right in your browser — download starts automatically

صافات سۈرىسى pdf — چۈشۈرۈش (ئۇيغۇرچە)

صافات سۈرىسى pdf ئۇيغۇرچە — چۈشۈرۈش صافات سۈرىسى تەرجىمە. صافات سۈرىسى (Meccan) 182 ئايەت.

→ یسصافات سۈرىسى ص ←


182 ئايەت · Meccan · ئۇيغۇرچە
bismillah
ﭑﭒﭓ
37:1 سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
ﭔﭕﭖ
37:2 سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
ﭗﭘﭙ
37:3 سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
ﭚﭛﭜﭝ
37:4 سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك - شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر
ﭞﭟﭠﭡﭢﭣﭤﭥ
37:5 (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬ
37:6 بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
37:7 اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق
ﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹﭺﭻﭼ
37:8 ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
ﭽﭾﭿﮀﮁﮂ
37:9 ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
ﮃﮄﮅﮆﮇﮈﮉﮊ
37:10 لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)
ﮋﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘ
37:11 ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق
ﮙﮚﮛﮜ
37:12 (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ
ﮝﮞﮟﮠﮡ
37:13 ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز - نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ
ﮢﮣﮤﮥﮦ
37:14 ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ
ﮧﮨﮩﮪﮫﮬﮭ
37:15 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
ﮮﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖ
37:16 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
ﯗﯘﯙ
37:17 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
ﯚﯛﯜﯝﯞ
37:18 ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»
ﯟﯠﯡﯢﯣﯤﯥﯦ
37:19 بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ
ﯧﯨﯩﯪﯫﯬ
37:20 ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ
ﯭﯮﯯﯰﯱﯲﯳﯴ
37:21 بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر
ﯵﯶﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽ
37:22 (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
ﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅ
37:23 (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
ﰆﰇﰈﰉﰊ
37:24 ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال - سوراق قىلىنىدۇ
ﭑﭒﭓﭔﭕ
37:25 (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)
ﭖﭗﭘﭙﭚ
37:26 بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر
ﭛﭜﭝﭞﭟﭠ
37:27 ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ
ﭡﭢﭣﭤﭥﭦﭧ
37:28 ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ
ﭨﭩﭪﭫﭬﭭ
37:29 (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار
ﭮﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵﭶﭷﭸﭹ
37:30 بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁ
37:31 پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز
ﮂﮃﮄﮅﮆ
37:32 سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»
ﮇﮈﮉﮊﮋﮌ
37:33 ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر
ﮍﮎﮏﮐﮑ
37:34 بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)
ﮒﮓﮔﮕﮖﮗﮘﮙﮚﮛﮜ
37:35 ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
ﮝﮞﮟﮠﮡﮢﮣ
37:36 ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى
ﮤﮥﮦﮧﮨﮩ
37:37 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى
ﮪﮫﮬﮭﮮ
37:38 (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر
ﮯﮰﮱﯓﯔﯕﯖ
37:39 سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
ﯗﯘﯙﯚﯛ
37:40 پەقەت اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ
ﯜﯝﯞﯟﯠ
37:41 ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
ﯡﯢﯣﯤ
37:42 ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
ﯥﯦﯧﯨ
37:43 ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
ﯩﯪﯫﯬ
37:44 ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
ﯭﯮﯯﯰﯱﯲ
37:45 ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
ﯳﯴﯵﯶ
37:46 ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
ﯷﯸﯹﯺﯻﯼﯽﯾ
37:47 ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ
ﯿﰀﰁﰂﰃ
37:48 ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ
ﰄﰅﰆﰇ
37:49 ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ
ﰈﰉﰊﰋﰌﰍ
37:50 ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ
ﰎﰏﰐﰑﰒﰓﰔﰕ
37:51 ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) 'سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
ﭑﭒﭓﭔﭕ
37:52 ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) 'سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
ﭖﭗﭘﭙﭚﭛﭜﭝ
37:53 بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟' دەيتتى»
ﭞﭟﭠﭡﭢ
37:54 ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ
ﭣﭤﭥﭦﭧﭨ
37:55 ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ
ﭩﭪﭫﭬﭭﭮ
37:56 ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن
ﭯﭰﭱﭲﭳﭴﭵ
37:57 ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم
ﭶﭷﭸﭹ
37:58 تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿﮀ
37:59 تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
ﮁﮂﮃﮄﮅﮆ
37:60 بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر
ﮇﮈﮉﮊﮋ
37:61 ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»
ﮌﮍﮎﮏﮐﮑﮒ
37:62 بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
ﮓﮔﮕﮖﮗ
37:63 زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق
ﮘﮙﮚﮛﮜﮝﮞ
37:64 شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر
ﮟﮠﮡﮢﮣ
37:65 ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ
ﮤﮥﮦﮧﮨﮩﮪ
37:66 ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ
ﮫﮬﮭﮮﮯﮰﮱﯓ
37:67 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ
ﯔﯕﯖﯗﯘﯙ
37:68 ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ
ﯚﯛﯜﯝﯞ
37:69 ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى
ﯟﯠﯡﯢﯣ
37:70 ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى
ﯤﯥﯦﯧﯨﯩ
37:71 ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى
ﯪﯫﯬﯭﯮ
37:72 بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق
ﯯﯰﯱﯲﯳﯴ
37:73 ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ﯵﯶﯷﯸﯹ
37:74 لېكىن اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)
ﯺﯻﯼﯽﯾﯿ
37:75 نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
ﰀﰁﰂﰃﰄﰅ
37:76 بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق
ﭑﭒﭓﭔﭕ
37:77 ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق
ﭖﭗﭘﭙﭚ
37:78 كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ﭛﭜﭝﭞﭟﭠ
37:79 خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
ﭡﭢﭣﭤﭥ
37:80 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﭦﭧﭨﭩﭪ
37:81 ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
ﭫﭬﭭﭮ
37:82 ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق
ﭯﭰﭱﭲﭳﭴ
37:83 ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺ
37:84 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى
ﭻﭼﭽﭾﭿﮀﮁ
37:85 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ﮂﮃﮄﮅﮆﮇ
37:86 سىلەر اﷲ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ﮈﮉﮊﮋﮌ
37:87 ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (اﷲ قا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»
ﮍﮎﮏﮐﮑ
37:88 ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
ﮒﮓﮔﮕ
37:89 ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
ﮖﮗﮘﮙ
37:90 ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)
ﮚﮛﮜﮝﮞﮟﮠ
37:91 ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
ﮡﮢﮣﮤﮥ
37:92 ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
ﮦﮧﮨﮩﮪ
37:93 ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى
ﮫﮬﮭﮮ
37:94 ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ - سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى
ﮯﮰﮱﯓﯔ
37:95 ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ﯕﯖﯗﯘﯙ
37:96 ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر»
ﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠﯡ
37:97 ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى
ﯢﯣﯤﯥﯦﯧ
37:98 بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
ﯨﯩﯪﯫﯬﯭﯮ
37:99 ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ
ﯯﯰﯱﯲﯳﯴ
37:100 پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»
ﯵﯶﯷﯸ
37:101 بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ﯹﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀﰁﰂﰃﰄﰅﰆﰇﰈﰉﰊﰋﰌﰍﰎﰏﰐﰑﰒﰓﰔﰕ
37:102 ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
ﭑﭒﭓﭔﭕ
37:103 ئىككىسى (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى
ﭖﭗﭘﭙ
37:104 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﭚﭛﭜﭝﭞﭟﭠﭡﭢ
37:105 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﭣﭤﭥﭦﭧﭨ
37:106 بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر
ﭩﭪﭫﭬ
37:107 بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق
ﭭﭮﭯﭰﭱ
37:108 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ﭲﭳﭴﭵ
37:109 ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
ﭶﭷﭸﭹ
37:110 بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﭺﭻﭼﭽﭾ
37:111 ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ﭿﮀﮁﮂﮃﮄ
37:112 ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ﮅﮆﮇﮈﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏﮐ
37:113 ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ
ﮑﮒﮓﮔﮕﮖ
37:114 بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق
ﮗﮘﮙﮚﮛﮜ
37:115 ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق
ﮝﮞﮟﮠﮡ
37:116 بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
ﮢﮣﮤﮥ
37:117 ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق
ﮦﮧﮨﮩ
37:118 ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
ﮪﮫﮬﮭﮮ
37:119 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ﮯﮰﮱﯓﯔ
37:120 مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
ﯕﯖﯗﯘﯙ
37:121 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﯚﯛﯜﯝﯞ
37:122 ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ﯟﯠﯡﯢﯣ
37:123 ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ﯤﯥﯦﯧﯨﯩ
37:124 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯ
37:125 سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (اﷲ نى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر؟
ﯰﯱﯲﯳﯴﯵ
37:126 اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
ﭑﭒﭓﭔ
37:127 ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ
ﭕﭖﭗﭘﭙ
37:128 پەقەت اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
ﭚﭛﭜﭝﭞ
37:129 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق
ﭟﭠﭡﭢﭣ
37:130 ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
ﭤﭥﭦﭧﭨ
37:131 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ﭩﭪﭫﭬﭭ
37:132 ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ﭮﭯﭰﭱﭲ
37:133 لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ﭳﭴﭵﭶﭷ
37:134 ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
ﭸﭹﭺﭻﭼ
37:135 پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
ﭽﭾﭿﮀ
37:136 ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق
ﮁﮂﮃﮄﮅ
37:137 (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
ﮆﮇﮈﮉﮊ
37:138 (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
ﮋﮌﮍﮎﮏ
37:139 يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
37:140 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى
ﮖﮗﮘﮙﮚ
37:141 (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)
ﮛﮜﮝﮞﮟ
37:142 ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
ﮠﮡﮢﮣﮤﮥ
37:143 ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
ﮦﮧﮨﮩﮪﮫﮬ
37:144 ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
ﮭﮮﮯﮰﮱﯓ
37:145 ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى
ﯔﯕﯖﯗﯘﯙ
37:146 ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق
ﯚﯛﯜﯝﯞﯟﯠ
37:147 ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق
ﯡﯢﯣﯤﯥ
37:148 (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق
ﯦﯧﯨﯩﯪﯫ
37:149 (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
ﯬﯭﯮﯯﯰﯱﯲ
37:150 ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)
ﯳﯴﯵﯶﯷﯸ
37:151 بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
ﯹﯺﯻﯼﯽ
37:152 بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
ﯾﯿﰀﰁﰂ
37:153 اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
ﭑﭒﭓﭔﭕ
37:154 سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
ﭖﭗﭘ
37:155 پىكىر قىلمامسىلەر؟
ﭙﭚﭛﭜﭝ
37:156 ياكى (اﷲ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
ﭞﭟﭠﭡﭢﭣ
37:157 (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)
ﭤﭥﭦﭧﭨﭩﭪﭫﭬﭭﭮﭯ
37:158 ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)
ﭰﭱﭲﭳﭴ
37:159 اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ﭵﭶﭷﭸﭹ
37:160 لېكىن اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى اﷲ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)
ﭺﭻﭼﭽ
37:161 (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
ﭾﭿﮀﮁﮂ
37:162 (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
ﮃﮄﮅﮆﮇﮈ
37:163 (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
ﮉﮊﮋﮌﮍﮎﮏ
37:164 (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار
ﮐﮑﮒﮓ
37:165 بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز
ﮔﮕﮖﮗ
37:166 بىز ھەقىقەتەن (اﷲ قا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»
ﮘﮙﮚﮛ
37:167 ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
ﮜﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
37:168 ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
ﮣﮤﮥﮦﮧ
37:169 ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
ﮨﮩﮪﮫﮬﮭ
37:170 ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ
ﮮﮯﮰﮱﯓﯔ
37:171 بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان
ﯕﯖﯗﯘ
37:172 ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر
ﯙﯚﯛﯜﯝ
37:173 بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر
ﯞﯟﯠﯡﯢ
37:174 ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
ﯣﯤﯥﯦ
37:175 ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
ﯧﯨﯩ
37:176 ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯﯰ
37:177 ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
ﯱﯲﯳﯴﯵ
37:178 ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
ﯶﯷﯸﯹ
37:179 ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
ﯺﯻﯼﯽﯾﯿﰀ
37:180 قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ﰁﰂﰃﰄ
37:181 پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
ﰅﰆﰇﰈﰉ
37:182 جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!

قۇرئان كەرىم


Wednesday, September 9, 2026

Don't forget us in your sincere prayers