وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ ٧٣
🔤 Transliteration
Wa an Huwal lazee khalaqas samaawaati wal arda bilhaqq; wa Yawma yaqoolu kun fa yakoon; Qawluhul haqq; wa lahul mulku Yawma yunfakhu fis Soor; `Aalimul Ghaibi wash shahaadah; wa Huwal Hakeemul Khabeer
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. اﷲ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر: «بِالْحَقِّ»: ھەق بىلەن، يەنى ھېكمەت ۋە ئادالەت بىلەن. «كُن فَيَكُونُ»: «بول» دېسە، ئۇ دەرھال بولىدۇ. «الصُّورِ»: ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام چالغان كاناي (بۇرغۇ ). «الْغَيْبِ»: كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، يوشۇرۇن نەرسىلەر. «الشَّهَادَةِ»: كۆزگە كۆرۈنىدىغان، ئاشكارا نەرسىلەر. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچقانداق ئەيىبسىز، ھېكمەت ۋە ئادالەت بىلەن ياراتقان زاتتۇر. بۇ يارىتىلىش بىكار ياكى ئويۇن-چاقچاق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەق ۋە ھېكمەت ئۈچۈندۇر.
ئاللاھ قىيامەت كۈنى بىر نەرسىنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلغاندا، پەقەت «بول» دەيدۇ، ئۇ دەرھال بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەق ۋە راستتۇر، ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. شۇ كۈندە پادىشاھلىق پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھېچكىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قالمايدۇ. ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام كاناينى چالغاندا، بارلىق جانلىقلار تىرىلىدۇ.
ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەممە ئىشتىن خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭ ئىلمىدە ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
بۇ ئايەت بىزگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر، ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا يۆلەنش بىزنىڭ بەختىمىزدۇر. ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاي ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرگەي.
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ وَيَوۡمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُۚ قَوۡلُهُ ٱلۡحَقُّۚ وَلَهُ ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ ٧٣
اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. اﷲ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 71-75 — انعام سۈرىسى
71 قُلْ أَنَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز اﷲ نى قويۇپ، بىزگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى اﷲ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، اﷲ نىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
72 وَأَنْ أَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَاتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ناماز ئوقۇشقا ۋە اﷲ تىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، (قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر
73 وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. اﷲ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر
74 ۞ وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان اﷲ نى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى
75 وَكَذَٰلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ
ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق
تەرجىمە — انعام 73 انعام سۈرىسى ئايەت 73 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا…
سۈرىسى ئايەت 73/165 — انعام سۈرىسى الأنعام (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: انعام سۈرىسى ئاڭلاڭ, انعام سۈرىسى تەرجىمە, انعام سۈرىسى mp3, انعام سۈرىسى pdf. ئايەت 71–75. ئۇيغۇرچە: Türkçe.