قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُم بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ ٥٢
🔤 Transliteration
Qul araiaitum in kaana min `indil laahi summa kafar tum bihee man adallu mimman huwa fee shiqaqim ba`eed
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى: «ئەرَأَيْتُمْ»: ئېيتىپ بېقىڭلار، خەۋەر بېرىڭلار. «شِقَاقٍ»: جىدەل، قارشىلىق، ئىختىلاپ. «بَعِيدٍ»: يىراق، چوڭقۇر. «مِنْ عِندِ اللَّهِ»: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن، ئاللاھ تەرىپىدىن. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلىۋاتقان كاپىرلارغا ئېيتىپ بەرگىن: ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، ئەگەر بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشكەن بولسا، ئاندىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقىرىۋەتسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردىن بەكرەك گۇمراھ بولغان ئادەم بارمۇ؟ سىلەر ھەقىقەتكە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق چوڭقۇر ئىختىلاپ ئىچىدە قالدىڭلار. ھەقىقەت ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، دەلىل-ئىسپاتلىرى كۈچلۈك تۇرۇقلۇق، سىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىسىلەر. سىلەردىن ئەڭ گۇمراھ ئادەم يوق، چۈنكى سىلەر قۇرئاننى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىدىڭلار.
ئەي ئىنسانلار! ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: بۇ قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئايىتىدە ئىنسانلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان نۇر، ھەقىقەت ۋە ھىدايەت بار. ئۇنى قەلبىڭلار بىلەن ئاڭلاپ، ئەقلىڭلار بىلەن چۈشىنىپ، ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ تائالا بىزنى ھەقىقەتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان، قۇرئاننىڭ يېتەكچىلىكىدە مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغان بەندىلىرىدىن قىلسۇن!
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرۡتُم بِهِۦ مَنۡ أَضَلُّ مِمَّنۡ هُوَ فِي شِقَاقِۭ بَعِيدٍ ٥٢
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 50-54 — فصلت سۈرىسى
50 وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِّنَّا مِن بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِن رُّجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِندَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
51 وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (اﷲ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (اﷲ قا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ
52 قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُم بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»
53 سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ ۗ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان - زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ
54 أَلَا إِنَّهُمْ فِي مِرْيَةٍ مِّن لِّقَاءِ رَبِّهِمْ ۗ أَلَا إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُّحِيطٌ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، اﷲ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
تەرجىمە — فصلت 52 فصلت سۈرىسى ئايەت 52 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) اﷲ تەرىپىدىن…
سۈرىسى ئايەت 52/54 — فصلت سۈرىسى فصلت (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: فصلت سۈرىسى ئاڭلاڭ, فصلت سۈرىسى تەرجىمە, فصلت سۈرىسى mp3, فصلت سۈرىسى pdf. ئايەت 50–54. ئۇيغۇرچە: Türkçe.